ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
                            ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.

مەكتەپ ھاياتى

1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىياتىر فالكۇلتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناﮬىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ-دە، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ﮬاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماﮬارەت يىتىلدۈردى.

نەتىجىلىرى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان «غېرىپ-سەنەم» ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. 1992- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماﮬارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ئېرىشتى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ ئورۇنلىغان «سىرلىق تۇمان»، «ئۇچىراشقاندا»، «ۋاپادارىم»، «مۇئەللىم»، «كىچەلمەيمەن»، «ئايرىلىش»، «كۆزۈڭنى ياشلىما»، «تۇنجى سۆيگۈ»، «سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆﮬرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1994- يىلدىن ﮬازىرغىچە «سىرلىق تۇمان»، «سۈكۈتتىكى سادا»، «پەرۋانەڭ بولاي» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى، «شىرىن چۈش»، «تۇنجى سۆيگۈ» قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998- يىلى 4- ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 1998- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئادەم، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ، ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بويىچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1- دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باﮬالاندى. 1999- يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «ياشلىق كۈيى» دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 1999- يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى دىرامما بايرىمى» دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەﮬبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى.

ئەسەرلىرى

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بولۇپ «شادىمان دوستلار»، «بۇ كىشىنى تونۇمسىز» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «گۇناﮬسىز جىنايەتكار»، «كېيىنكى ئاتا» قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۇچرىشىش»، «شىكەر شەنبە»، «پۇل»، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ» قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناﮬايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناﮬايىتى يۇقىرى باﮬاسىغا ئېرىشتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش، دىرامما-ئېپىزوتلاردا رول ئېىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش»، «ئاي گۇۋاﮬ»، «ئۇر توقماق»، «كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى. ئۆز-ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى، ئېغىر-بېسىق مىجەز-خاراكتىرى ﮬەم سەمىمىيلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ﮬۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامىنەمۇ 1988- يىلى «بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ﮬاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988- يىلنىڭ ئاخىرى مۇﮬەببەت باغلاپ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ﮬالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ﮬازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. 
                    

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

پلاستىنكا ئىسمى ناخشىچى رەسىمى ئاۋاتلىقى
تەنھا سۆيگۈ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تەنھا سۆيگۈ 1824
شېرىن چۈش ئابدۇللا ئابدۇرېھىم شېرىن چۈش 3075
خىيالدىكى سۆيگۈ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم خىيالدىكى سۆيگۈ 2089
تۇنجى سۆيگۈ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تۇنجى سۆيگۈ 2134
كۆكلەمدىكى يۈرەك ئابدۇللا ئابدۇرېھىم كۆكلەمدىكى يۈرەك 2477
شېرىن ئەسلىمە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم شېرىن ئەسلىمە 3213
يىگىت ئىشقى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يىگىت ئىشقى 2081
ئايرىلىش ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئايرىلىش 2218
ۋاپادارىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋاپادارىم 2047
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 3196
سۈكۈتتىكى سادا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سۈكۈتتىكى سادا 3283
قىرىقتىن ئۆتكەندە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قىرىقتىن ئۆتكەندە 1233
كەچۈر ئۆزۈم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم كەچۈر ئۆزۈم 964
سەنەم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەنەم 990
ئېيتماڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېيتماڭ 964
سەندە بار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەندە بار 997
نەزىفە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم نەزىفە 943
سورىما ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سورىما 1434
ئەللىك يېشىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەللىك يېشىم 931
ئابدۇللا سەھنىسى 2023 ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئابدۇللا سەھنىسى 2023 1090
ئاشىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاشىق 699
ئابدۇللا سەھنىسى 2013 ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئابدۇللا سەھنىسى 2013 72

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار
ناخشا ئىسمى ئاڭلاش رەسىمى تەۋە ئالبۇم ئاۋاتلىقى
تۇنجى سۆيگۈ تۇنجى سۆيگۈ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1990
قىزىل ئالما قىزىل ئالما پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1664
ئۆزەڭدۇرسەن ئۆزەڭدۇرسەن پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1407
ئاتا ئاتا پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1076
رەنجىمە رەنجىمە پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1105
ئايرىلدىم ئايرىلدىم پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1360
خەندان ئۇرۇپ خەندان ئۇرۇپ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1080
بالىلىقنى ئەسلەش بالىلىقنى ئەسلەش پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1652
قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1029
ئۇچراشقاندا ئۇچراشقاندا پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1288
يار ھەققىدە قوشاق يار ھەققىدە قوشاق پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1953
ئامرىقىم ئامرىقىم پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1224
ئىنتىزار ئىنتىزار پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1293
جانان ئۇيقۇدا جانان ئۇيقۇدا پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 2068
باياۋان باياۋان پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1619
كاككۇكلار كاككۇكلار پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1203
كەلمىدى كەلمىدى پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1076
«تۈگىمەس ناخشا» «تۈگىمەس ناخشا» پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1890
سۇمبۇلە سۇمبۇلە پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1387
قاش سۈيى قاش سۈيى پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1207
پەرۋانەڭ بولاي پەرۋانەڭ بولاي پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1034
كىتەر بولدۇم كىتەر بولدۇم پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1129
ئارمان ئارمان پلاستىنكا ئايرىلىش 1775
ئۇستازىم ئۇستازىم پلاستىنكا ئايرىلىش 1149
مېنى كۈتكىن مېنى كۈتكىن پلاستىنكا ئايرىلىش 1081
ئايرىلىش ئايرىلىش پلاستىنكا ئايرىلىش 1283
كەلمىدى كەلمىدى پلاستىنكا ئايرىلىش 1228
ۋاپادارىم ۋاپادارىم پلاستىنكا ۋاپادارىم 1681
جانانە جانانە پلاستىنكا ۋاپادارىم 1287
كېتەر بولدۇم كېتەر بولدۇم پلاستىنكا ۋاپادارىم 1363
يۇلتۇزۇم ئالدىمدا يۇلتۇزۇم ئالدىمدا پلاستىنكا ۋاپادارىم 1299
قىينىما قىينىما پلاستىنكا ۋاپادارىم 1063
سەن يارە سەن يارە پلاستىنكا ۋاپادارىم 1489
نەدە نەدە پلاستىنكا ۋاپادارىم 1228
دىلرابا دىلرابا پلاستىنكا شېرىن چۈش 1915
ئاشىق ئاشىق پلاستىنكا شېرىن چۈش 1323
ۋاپادار ۋاپادار پلاستىنكا شېرىن چۈش 2109
پەرۋانەڭ بولاي پەرۋانەڭ بولاي پلاستىنكا شېرىن چۈش 1018
پۇتبول ناخشىسى پۇتبول ناخشىسى پلاستىنكا شېرىن چۈش 1137
ئۇۋالىم ئۇۋالىم پلاستىنكا شېرىن چۈش 1595
تاغ گۈلى تاغ گۈلى پلاستىنكا شېرىن چۈش 1032
جانان ئۇيقۇدا جانان ئۇيقۇدا پلاستىنكا شېرىن چۈش 1067
شېرىن چۈش شېرىن چۈش پلاستىنكا شېرىن چۈش 1151
قىيىن ئىكەن قىيىن ئىكەن پلاستىنكا شېرىن چۈش 1170
سۆيۈلمىگەن قىز سۆيۈلمىگەن قىز پلاستىنكا شېرىن چۈش 1146
ھايات لوڭقىسى ھايات لوڭقىسى پلاستىنكا شېرىن چۈش 1118
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 2845
مەشرەپ مەشرەپ پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 2048
توغراق توغراق پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1990
قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1067
سىزنى ئەسلىدىم سىزنى ئەسلىدىم پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1684
بول يانىمدا بول يانىمدا پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1002
يار سېنى پاناھ تارتىپ يار سېنى پاناھ تارتىپ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1028
تەنھا سۆيگۈ تەنھا سۆيگۈ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1283
سېنى دېدىم سېنى دېدىم پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1053
تۇنجى قار تۇنجى قار پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1204
جاھان بۇ جاھان بۇ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 880
مۇھەببەت مۇھەببەت پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1705
ھايات ھايات پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1267
يول بەرگىن يول بەرگىن پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1963
مۇئەللىم مۇئەللىم پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 2323
بىزنىڭ ناخشىمىز بىزنىڭ ناخشىمىز پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 4282
بالىلىقىم بالىلىقىم پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 999
مەجنۇنتال مەجنۇنتال پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 1763
ئەسلەرسەنمۇ ئەسلەرسەنمۇ پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1007
باھارغا مۇشتاقلىق باھارغا مۇشتاقلىق پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1583
ئاناجان ئاناجان پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 941
گۈلشەندىكى نىدا گۈلشەندىكى نىدا پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1363
مۇھەببەت ناتونۇش مۇھەببەت ناتونۇش پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1076
گۈزەللىكىدىن گۈزەللىكىدىن پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 881
كەلمىسە كېرەك كەلمىسە كېرەك پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1279
ئالما ئانارىڭ ئالما ئانارىڭ پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1436
يول بولسۇن يول بولسۇن پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1167
يار دەردى يار دەردى پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1487
ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 2948
ئۇنتالمىدىم ئۇنتالمىدىم پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1397
سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 926
كارۋان بىز كارۋان بىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1273
ئانا ئانا پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1775
سىز سىز پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 1019
سەھرا سەھرا پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 934
شۇ چاغلار (بۇلبۇللار) شۇ چاغلار (بۇلبۇللار) پلاستىنكا ئاشىق 1935
گۈزەلىم گۈزەلىم پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 990
قىرىقتىن ئۆتكەندە قىرىقتىن ئۆتكەندە پلاستىنكا قىرىقتىن ئۆتكەندە 1614
كەچۈر ئۆزۈم كەچۈر ئۆزۈم پلاستىنكا كەچۈر ئۆزۈم 1914
سەنەم سەنەم پلاستىنكا سەنەم 1097
ئېيتماڭ ئېيتماڭ پلاستىنكا ئېيتماڭ 1300
سەندە بار سەندە بار پلاستىنكا سەندە بار 1202
نەزىفە نەزىفە پلاستىنكا نەزىفە 1080
سورىما سورىما پلاستىنكا سورىما 1739
ئەللىك يېشىم ئەللىك يېشىم پلاستىنكا ئەللىك يېشىم 1027
كۆكلەمدىكى يۈرەك كۆكلەمدىكى يۈرەك پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 1058
ئۇنىتالمايمەن ئۇنىتالمايمەن پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 940
قوشماق قوشماق پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 968
ئەركەم ئەركەم پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 1197
كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 1885
تاپارمەن تاپارمەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1106
باقما باقما پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1390
ئەي سابا ئەي سابا پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1156
قەيەردە سەن قەيەردە سەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1139
چۈشۈمگە كىر چۈشۈمگە كىر پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 3635
خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1638
قانداق قىلارمەن قانداق قىلارمەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1046
تەكلىماكان تەكلىماكان پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1051
ئوغلۇمغا ئوغلۇمغا پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 1023
ئاسان ئەمەس ئاسان ئەمەس پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 898
ئانامنىڭ بولسۇن ئانامنىڭ بولسۇن پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 801
قالدى قالدى پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 901
نېمە بولدى؟ نېمە بولدى؟ پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 1047
ياخشى كۆر ياخشى كۆر پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 960
تۇغۇلغان كۈن تۇغۇلغان كۈن پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 875
ئامان بولسۇن ئامان بولسۇن پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 759
ئايرىلىش مىنۇتلىرى ئايرىلىش مىنۇتلىرى پلاستىنكا ئاشىق 608
ئېلىپ كەتسىڭىز ئېلىپ كەتسىڭىز پلاستىنكا ئاشىق 566
ئانامغا مەكتۇپ ئانامغا مەكتۇپ پلاستىنكا ئاشىق 545
كۆزۈڭنى ياشلىما كۆزۈڭنى ياشلىما پلاستىنكا ئاشىق 538
توختى يولۋاس توختى يولۋاس پلاستىنكا ئاشىق 622
كەت دېمىگىن كەت دېمىگىن پلاستىنكا ئاشىق 572
ھەسرەتلىك كۆز يېشى ھەسرەتلىك كۆز يېشى پلاستىنكا ئاشىق 619
تەنھا يۈرەكلەر تەنھا يۈرەكلەر پلاستىنكا ئاشىق 618
چىن ئىنسان چىن ئىنسان پلاستىنكا ئاشىق 649
سىرلىق تۇمان سىرلىق تۇمان پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 65
دولان يىگىتى دولان يىگىتى پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 283
ئۇزاق يول ئۇزاق يول پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 46
مەجنۇنتال (1996) مەجنۇنتال (1996) پلاستىنكا سۈكۈتتىكى سادا 74
زىلالە (1996) زىلالە (1996) پلاستىنكا سۈكۈتتىكى سادا 31
مۇزىكا مۇزىكا پلاستىنكا سۈكۈتتىكى سادا 19
بايرام تەنتەنىسى بايرام تەنتەنىسى پلاستىنكا سۈكۈتتىكى سادا 15
مۇقەددىمە (مۇزىكا) مۇقەددىمە (مۇزىكا) پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 19
سېغىنارمەن سېغىنارمەن پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 38
سەن مېنىڭ بەختىم سەن مېنىڭ بەختىم پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 26
ئابدۇللا ئانسامبىلى (مۇزىكا) ئابدۇللا ئانسامبىلى (مۇزىكا) پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 19
زىلالە (2013) زىلالە (2013) پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 25
كۈلپەت كۈلپەت پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 23
تەنتەنە تەنتەنە پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 21
بىزنىڭ ناخشىمىز (2013) بىزنىڭ ناخشىمىز (2013) پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2013 27