سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئېلىپ كەتسىڭىز
پلاستىنكا: ئاشىق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
497
ئېلىپ كەتسىڭىز - ھەققىدە:
سۆزى: دىلارە نىيازوۋا مۇزىكىسى: دىلارە نىيازوۋا ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئىزلىرىڭىز كۆزلەرىمگە سۈرمە قىلاي، مەن سىز ئۈچۈن مىڭ بىر ئۆلۈپ مىڭ تىرىلەي. سىزگە يالغۇز مەن قەلەندەر ھەم شاھ بولاي، ئازابلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مىنى. شۇ بويىڭىز ئايلانسۇنۇ مەجنۇن تالگە، مەن ئايلىناي سىزنى سۆيگەن لەيلى-ھالگە. ئارمان بولاي مىنى سۆيگەن ئاشۇ يارگە، ئازابلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مىنى. ئازابلاردىن، كۆز ياشلاردىن، سىھىرلەردىن، جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى. ئازابلاردىن، كۆز ياشلاردىن، سىھىرلەردىن، جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى. ئۆزگىلەرگە سېغىنمىدىم سىز بار ئۈچۈن، چىن يۈرەكتىن سىزنى سۆيگەن دىل بار ئۈچۈن. شۇڭا شاد مەن ئۇيغۇر قىزى سىز بار ئۈچۈن، ئازابلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مىنى. شۇ بويىڭىز ئايلانسۇنۇ مەجنۇن تالگە، مەن ئايلىناي سىزنى سۆيگەن لەيلى-ھالگە. ئارمان بولاي مىنى سۆيگەن ئاشۇ يارگە، ئازابلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مىنى. شۇ بويىڭىز ئايلانسۇنۇ مەجنۇن تالگە، مەن ئايلىناي سىزنى سۆيگەن لەيلى-ھالگە. ئارمان بولاي مىنى سۆيگەن ئاشۇ يارگە، ئازابلاردىن جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مىنى. ئازابلاردىن، كۆز ياشلاردىن، سىھىرلەردىن، جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى. ئازابلاردىن، كۆز ياشلاردىن، سىھىرلەردىن، جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى. سىھىرلەردىن، جانىم ئېلىپ كەتسىڭىز مېنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...