بىكەت ھەققىدە
بۇ تور بىكەتتىكى مەزمۇنلار ئاساسەن توردىن تېپىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رەتلەنگەن، خاتالىقلار ۋە كەم قالغان تەرەپلەر مەۋجۇت. توغرىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشلىرىنى قارشى ئالىمىز.
بىكەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى
-
باشقا تىللاردا ناخشا تېكسىتلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان نۇرغۇن تور بىكەتلەرنى ئۇچرىتالايمىز.
لېكىن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىڭ تېكستلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان تور بىكەتلەرنىڭ ئاساسەن تېپىلماسلىقى سەۋەبىدىن، ناخشا،
پلاستىنكا ۋە ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنىڭ نەشىر قىلىنغان ۋاقىتلىرى، ناخشىچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان بىرەر تور بىكەتنىڭ بولۇشى خىيالى بىلەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا،
تاپالىغان بىر قېسىم ناخشىلاردىن باشلاپ مەزكۇر تور بىكەت ياسىلىپ، ھەممەيلەننىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. مەزمۇنلارنى ۋاقىت چىقىرىپ تولۇقلاشقا تىرىشىمىز.
نەشىر ھوقۇقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى ئويلىشىپ بىۋاستە ناخشا ئاڭلايدىغان شەكىلدە ئەمەس، تاپالىغان ناخشىلارنىڭ ئۇلىنىشىنى تەمىنلەيدىغان شەكىلدە ياسالدى. بەلكىم كېيىنچە بىۋاستە ئاڭلىغىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن. - بالىلارغا ئىسىم قويۇشقا توغرا كەلگەندە، پايدىلىنىدىغان تور بەتلەر ئاساسەن قالمىغاچقا (بۇرۇن ئوكيان قاتارلىق تور بىكەتلەر ئىسىملارنى مەنىسى، باشقا تىللاردىكى يېزىلىشى، ئاۋاتلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيتتى)، بۇرۇنقى شۇ تور بىكەتلەرنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ئورنىنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە، توردىن تېپىلغان ئەڭ كۆپ قويۇلغان ئىسىملارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى تۈزگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» كىتابىدىن ئىسىملارنى تاللاپ كىرگۈزۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.
- كۆپ ئىشلىتىلگەن ئىسىملارنى ئىزدەش داۋامىدا ئىسىم، فامىلە توغرىلىق يېزىلغان بىر قىسىم ماقالىلەر ئۇچرىدى ۋە پايدىلىنىشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ماقالىلەر قسىمىغا قوشۇلدى.
مەلۇم بىر ئىسىمنىڭ ئاڭلىنىشى ۋە يېزىقتا ئىپادىلىنىشى شۇ ئىسىمنىڭ جىسمى ھېسابلانسا، مەنىسى ئۇنىڭ جېنىدۇر، مەنىسى بولمىغان ئىسىم ماھىيەتتە جانسىز ئىسىمدۇر، مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىممۇ نىمجان ئىسىمدۇر.
ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئالدىدا تۆت تۈرلۈك مەجبۇرىيىتى بولىدۇ: بىرىنچى، ياخشى ئىسىم قويۇش؛ ئىككىنچى: تۆت ياشتىن باشلاپ ئېغىزىغا ئىلىم سېلىش؛ ئۈچىنچى، بالاغەتكە يەتكەندە تۇرمۇشلۇق قىلىش؛ تۆتىنچى، تىرىكچىلىك يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش.
شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى ھەققىدە
بۇ تور بىكەتتە ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئانالىزلىرى ئۈچۈن لازىملىق بەزى ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ماتورلىرى ئاپتوماتىك يىغقىنىدىن باشقا، تور بىكەت ئۈچۈن ھېچقانداق ئۇچۇرىڭىز ساقلانمايدۇ ۋە ئىشلىتىلمەيدۇ.