ئىززەت ئىلياس

ئىززەت ئىلياس
                        ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھەتتىكى ماھارىتىنى نامايان قىلغان.
ئىززەت ئىلياس گەرچە ئارتىسلىق كەسپىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىك ناخشا ئورۇنداش جەھەتتىكى تەبىئىي تالانتى گەۋدىلىك «ئۈمىد دېڭىزى»، «يۇلغۇن»، «ئاتا مېھرى»، «ئارمانىم بار» قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. 1991-يىلى ناخشا ساھەسدە تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن، جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ناخشا-مۇزىكا كەسىپىدە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان، ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ، ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالاتتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلغان.
1988-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى» دە ئاممىباب ئۇسلۇب بويىچە ناخشا ئېيتىش تۈرىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1995-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتىگە قاتنىشىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. 1999-يىلى «ئۆچكەن يۇلتۇز» ناملىق كىنودا رول ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم رول ئېلىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلغان.
2005-يىلى 10-ئايدا «شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى»نىڭ شۇ ناملىق تىياتىرغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»دا راست گۈلەندەمنىڭ رولىنى ئالغان ھەمدە «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 2018-يىلى «شىنجاڭ
سەنئەت يۇرتى» ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن بىللە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ ئويۇن قويغان. 2019-يىلى 11-ئايدا «ھەركىم شۇنداق ياشسا دەيمەن» ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ تاماشىبىنلارغا ھۇزۇر بېغىشلىغان.
مەنبە: https://freewechat.com/a/MzIxMjA0OTA0OA==/2247510751/1

ئۆزىنىڭ جۇشقۇن، يارقىن ۋە لىرىك ناخشىلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئىززىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىززەت ئىلياس 1967- يىلى ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان ئىززەت ئىلياس 1982- يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ ئۆگەنگەچكە تېز يۈكسەلدى. نەتىجىدە 1985- يىلى ياپونىيە سانتىيەن شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جوڭگو ياشلار تىياتىر دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىگى تەركىۋىدە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئىززەت ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوپىرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن 1989- يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئاممىباب ناخشا چولپانلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ ئاپتونۇم رايۇنىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ناخشا چولپىنىغا ئايلاندى. شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن گۇاڭجۇدا چىقىدىغان «ياڭچىڭ كەچلىك گېزىتى» ئىززەتنىڭ شەرىپىگە «تەڭرىتاغدىن ئۇچۇپ كەلگەن بۇلبۇل» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئىززەت 1989- يىلى سىنتەبىردە شىنجاڭ سەنئەت دوستلۇق ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇپ «ئالتۇن ئالما » ۋە «ياۋروپا ئاۋازى» غا قاتنىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقى تاماشىبىنلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
مەنبە: https://ug.wikipedia.org/wiki/ئىززەت_ئىلياس
                    

ئىززەت ئىلياس پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

پلاستىنكا ئىسمى ناخشىچى رەسىمى كۆرۈلۈشى
ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما ئىززەت ئىلياس ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 924 كۆرۈلۈشى

ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى تەۋە ئالبۇم كۆرۈلۈشى
بوغدا ئاتا بوغدا ئاتا پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 1046 كۆرۈلۈشى
سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 639 كۆرۈلۈشى
پىغانلىق ناخشا پىغانلىق ناخشا پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 489 كۆرۈلۈشى
ھەر كىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن ھەر كىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 475 كۆرۈلۈشى
سېغىنىش سېغىنىش پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 330 كۆرۈلۈشى
شائىر ئۆلمەيدۇ شائىر ئۆلمەيدۇ پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 886 كۆرۈلۈشى
سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 391 كۆرۈلۈشى
باغنىڭ ھاۋاسى باغنىڭ ھاۋاسى پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 482 كۆرۈلۈشى
ھەشەمەتتە كەتمەيلى ھەشەمەتتە كەتمەيلى پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 492 كۆرۈلۈشى
ياخشى تىلەك ياخشى تىلەك پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 407 كۆرۈلۈشى
ئاتا مېھرى ئاتا مېھرى پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 964 كۆرۈلۈشى
توي ناخشىسى توي ناخشىسى پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 1014 كۆرۈلۈشى
ئانا يۇرتتىن دۇنياغا سالام ئانا يۇرتتىن دۇنياغا سالام پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 587 كۆرۈلۈشى
مۇبارەك ئانا مۇبارەك ئانا پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 272 كۆرۈلۈشى
چىمەنزار چىمەنزار پلاستىنكا ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما 213 كۆرۈلۈشى