سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
سىم-سىم يامغۇر
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
550
سىم-سىم يامغۇر - ھەققىدە:
سۆزى: چىمەنگۈل ئاۋۇت مۇزىكىسى: ئەنۋەر سەمەت
سىم-سىم يامغۇر، سىم-سىم يامغۇر، خىيالىڭدا كىملەر باردۇر. سىم-سىم يامغۇر، سىم-سىم يامغۇر، خىيالىڭدا كىملەر باردۇر. پەرىشتەمنىڭ كۆز يېشىسەن، ئارمانىمنى ماڭا قالدۇر. پەرىشتەمنىڭ كۆز يېشىسەن، ئارمانىمنى ماڭا قالدۇر. بېغىمدىكى گۈللەرمۇ خوش، مەلەمدىكى كۆللەرمۇ خوش. بېغىمدىكى گۈللەرمۇ خوش، مەلەمدىكى كۆللەرمۇ خوش. سېنى ئۇزاق كۈتكەن ھەتتا، چاڭقاپ كەتكەن يالغۇز بىر قۇش. سىم-سىم يامغۇر، سىم-سىم يامغۇر، ئۆتمۈشلەردىن بەرگىن خەۋەر. ساڭا ئوخشاش ياغسام دەيمەن، يارىم مېنى سۆيسە ئەگەر. ساڭا ئوخشاش ياغسام دەيمەن، يارىم مېنى سۆيسە ئەگەر. يارىم مېنى سۆيسە ئەگەر. سۆيسە ئەگەر، سۆيسە ئەگەر، سۆيسە ئەگەر.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...