باغنىڭ ھاۋاسى
ئىززەت ئىلياس

باغنىڭ ھاۋاسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 483
باغنىڭ ھاۋاسى - ھەققىدە:
سۆزى ۋە مۇزىكىسى: خارىس ئاشرۇف
ئۈنۈملىگۈچى: ئەكبەر ئەركىن
ئاككاوردلاشتۇرغۇچى: مۇراتجان مۇختەر 
باغنىڭ ھاۋاسى تەننىڭ داۋاسى،
ھوزور بېغىشلار بۇلبۇل ناۋاسى.
باغنىڭ ھاۋاسى تەننىڭ داۋاسى،
ھوزور بېغىشلار بۇلبۇل ناۋاسى.
قىز-يىگىتلەرنىڭ ناخشا ساداسى،
زەپمۇ قىزىغان ئۇسسۇل ساماسى.
قىز-يىگىتلەرنىڭ ناخشا ساداسى،
زەپمۇ قىزىغان ئۇسسۇل ساماسى.

مۇزىكا

رەڭمۇ رەڭ گۈللەر خۇددى توز قانات،
ئەيلەيدۇ ھامان كۆڭۈللەرنى شاد.
رەڭمۇ رەڭ گۈللەر خۇددى توز قانات،
ئەيلەيدۇ ھامان كۆڭۈللەرنى شاد.
ئۆتىدۇ شۇنداق خوشال كۈنىمىز،
دەۋرىمىز گۈزەل ياشنايدۇ ھايات.
ئۆتىدۇ شۇنداق خوشال كۈنىمىز،
دەۋرىمىز گۈزەل ياشنايدۇ ھايات.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...