
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
پىغانلىق ناخشا
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
490

بۇ مېنىڭكى قايغۇلۇق كۈنۈم، توزارمىدۇ ئېچىلغان گۈلۈم. ناخشا ئېىيتسام پىغانلىق ئۈنۈم بۇ مېنىڭ ناخشام، مېنىڭ ناخشام. قالمىدى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا جان، يۈرەكىمدە ھەسرەت-ھىجران. دەردىم ئېيتاي ئاڭلا ئەي جاھان، بۇ مېنىڭ ناخشام، مېنىڭ ناخشام. چىن قەلبىمدىن نىجاتلىق ئىزدەپ، كەزدىم چۆللەرنى ۋىسالنى كۆزلەپ. كەزدىم چۆللەرنى ۋىسالنى كۆزلەپ. جان ۋىسالنى كۆزلەپ، بۇ مېنىڭ ناخشام، مېنىڭ ناخشام. قاندۇرايمەن پاك بۇ قەلبىمنى، بۇ ئازاپتا ئۆتۈپ كەتكىچە. قايان باراي ئېلىپ باشىمنى، مېنى ھىجران ئېلىپ كەتكىچە. قايان باراي ئېلىپ باشىمنى، مېنى ھىجران ئېلىپ كەتكىچە. چىن قەلبىمدىن نىجاتلىق ئىزدەپ، كەزدىم چۆللەرنى ۋىسالنى كۆزلەپ. كەزدىم چۆللەرنى ۋىسالنى كۆزلەپ. جان ۋىسالنى كۆزلەپ، بۇ مېنىڭ ناخشام، مېنىڭ ناخشام.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...