سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار
ئىززەت ئىلياس

سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 392
سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار!
ئېتىزلارنى كۆرمىگەنلەر، كۆرۈپ كېلىڭلار!
سىلەرنىڭمۇ ئەجدادىڭلار دېقاندۇ بەلكى،
سەھرالاردىن تەكتىڭلارنى بىلىپ كېلىڭلار.
بېرىپ كېلىڭلار، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار!

چىشىڭلارغا دورا بەلكى دېھقاننىڭ نېنى،
ئۆيلىرىدە قورۇنماستىن قونۇپ كېلىڭلار.
سەھرا كۆرمەي شەھەرلىكلەر شۈكۈرلىك بولماس،
ھەر يىللىقى ھەپتە-ئون كۈن تۇرۇپ كېلىڭلار.

بىللە بارسۇن نان ئىلغىغان بالىلىرىڭلار،
ئېڭىزلاردىن كۈزدە باشاق تېرىپ كېلىڭلار.
شەھەرلەردە ئۇنتۇلمىسۇن ئەسلى زاتىڭلار،
دېھقان دېگەن كىم بولىدۇ تونۇپ كېلىڭلار.

سەھرا كۆرمەي شەھەرلىكلەر شۈكۈرلىك بولماس،
ھەر يىللىقى ھەپتە-ئون كۈن تۇرۇپ كېلىڭلار.
بېرىپ كېلىڭلار، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار!
بېرىپ كېلىڭلار، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...