كاككۇك بىلەن زەينەپتىن
ھوشۇر قارى

كاككۇك بىلەن زەينەپتىن

پلاستىنكا: بوم پەدە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 459
كاككۇك بىلەن زەينەپتىن - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
بىر ياغلىق ئانار ئالدىم،
ھېيتگاھدىكى مەممەتتىن.
ھېيتگاھدىكى مەممەتتىن،
بۇ كۆيۈك كىمدىن قالغان،
سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن.
سېنىڭ بىلەن مەندەكتىن.

بار دېگەندە بارغان بىز،
يېنىڭ دېگەنىدە يانغان بىز.
يېنىڭ دېگەنىدە يانغان بىز.
ئالتۇن زەنجىر ئەپ بېرىپ،
ئانىڭدىن كېيىن سۆيگەن بىز.
ئاندىن كېيىن سۆيگەن بىز.

قەشقەرنىڭ بازارىدىن،
ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.
ئەنجۈر ئانار ئەپ بېرەي.
ئىچىمدىكى دەردىمنى،
كىمگە بىرىپ دەپ بېرەي.
كىمگە بىرىپ دەپ بېرەي.

بىر سەكرەپ ئۆتۈپ كەتتىم،
مەلەڭدىكى زەيكەشتىن.
مەلەڭدىكى زەيكەشتىن.
بۇ كۆيۈك كىمدىن قالغان،
كاككۇك بىلەن زەينەپتىن.
كاككۇك بىلەن زەينەپتىن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...