ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى — پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان – ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تارىخىي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت – نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي، ئەدەبىيات ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق خىلمۇ – خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا «شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە» دەپ تەرىپلەنمەكتە.
ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر. مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي دەۋرلىرى بىلەن ھەمقەدەمدۇر. مۇقاملار كۆپلىگەن ماكان ۋە بىرقانچە زاماندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەستىكارلىرى، ناخشىچىلىرى ۋە چالغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەلق مۇزىكىسىدۇر.
بۇ قېتىم ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن، تولۇقلانغان، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقام 360 ئاھاڭ، 4492 مىسرادىن تەركىب تاپقان ھەمدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داستانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە خەلق قوشاق – بېيىتلىرىنى ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ.
بازارغا سېلىنغان ۋاقتى: 2002
ئاۋاتلىقى: 2408

ناخشا تىزىملىكى

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى ئېلان قىلىنغان ۋاقىت ئاۋاتلىقى
راك مۇقامى راك مۇقامى يىل 2002 2296
چەببايات مۇقامى چەببايات مۇقامى يىل 2002 1621
سەگاھ مۇقامى سەگاھ مۇقامى يىل 2002 1756
چەھارگاھ مۇقامى چەھارگاھ مۇقامى يىل 2002 1464
پەنجگاھ مۇقامى پەنجگاھ مۇقامى يىل 2002 1833
ئۆزھال مۇقامى ئۆزھال مۇقامى يىل 2002 1351
ئەجەم مۇقامى ئەجەم مۇقامى يىل 2002 1816
ئۇششاق مۇقامى ئۇششاق مۇقامى يىل 2002 1459
بايات مۇقامى بايات مۇقامى يىل 2002 1332
نەۋا مۇقامى نەۋا مۇقامى يىل 2002 1362
مۇشاۋەرەك مۇقامى مۇشاۋەرەك مۇقامى يىل 2002 1204
ئىراق مۇقامى ئىراق مۇقامى يىل 2002 1594