
سېتىۋېلىش ئورنى
مۇقام ئانسامبىلى
ئۇششاق مۇقامى
پلاستىنكا: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002
مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى.
بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ...
داۋامى
تۈر:
مۇقام
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
608

ئۇششاق مۇقامى - ھەققىدە:
ئۇششاق مۇقامى (ئاشىق، ئاشىقلار، ئاشىقلارساداسى) چوڭ نەغمە قىسمى 202 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62 مىسرا، مەشرەبقىسمى ئىككى مەشرەب 48 مىسرا جەمئىي بولۇپ 312 مىسرا
چوڭ نەغمە مۇقەددىمە يولىندا تۇفراغ ئولدۇم، ئەي سابا، يەتسەڭ غۇبارىمغا، قۇيۇن بول، داغى ئەلىتىپ سەدەقە قىلغىل گۇلئۇزارىمغا. يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، ئۇنىڭ يولىدىكى تۇپراققا ئايلاندىم، ئۈستۈمگە يېتىپ كەلگىنىڭدە، قۇيۇنغا ئايلانغىن – دە، چاڭ – تۇزانلىرىمنى گۈل يۈزلۈكۈمگە سەدىقە قىلغىن. گەر ئۆلسەم ئول مەلەك سىيما پەرى ھەجرىندە، ئايلانغاي، پەرى بىرلە مەلەك پەرۋانەدەك شەمئى مەزارىمغا. يېشىمى: ئەگەر ئۇ مالائىكە سۈپەت پەرىنىڭ پىراقىدا ئۆلۈپ كەتسەم، مالائىكىلەر بىلەن پەرىلەر مازىرىمنىڭ شامىنى پەرۋانىدەك ئايلانغاي. فىراقى تىيرى بارانىنكى چەكتىم، قۇشقا ئوخشاتقاي، كى بۆلمىشلەر يۈكىن باققان كىشى جىسمى فىگارىمغا. يېشىمى: ھىجرانلىقنىڭ ئوق يامغۇرىغا ئۇچرىدىم، يارىلانغان جىسمىمنى كۆرگەنلەر مېنى قۇشقائوخشىتىپ، دان چىچىپ بېرىدۇ. قۇياش يەڭلىغ يۈزۈڭ ھەجرىندە ئەرمەس يارۇماق مۇمكىن، گەر ئولسا يۇز قۇياش تالىئ قارارغان زورگارىمغا. يېشىمى: ئەگەر قۇياشتەك يۈزۈڭدىن ئايرىلىپ قالسام، ئاسمانغا يۈز قۇياش چىققان تەقدىردىمۇ، مېنىڭ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن روزغارىمنى يورۇتالمايدۇ. يىگىتلەر ئىشقىنى گەر ئىختىيار ئەتمەي دەسە، قويماس، يىگىتلىك بىرلە ئاشىق شىيۋەلىك ئۆز ئىختىيارىمغا. يېشىمى: ياشلارچە ئىشقتىن ئۆزۈمنى تارتاي دېسەم، ياشلىق بىلەن ئاشقىلىقنىڭ ئادىتى ئۆز ئىختىيارىمغا قويمايدۇ. جۇنۇن ۋادىسىدا قالۇر سەبا يۈز دەستى پويىمدىن، ئاڭا يەتمان، نە ئىلدام سەير ئىكىن چابۇكسەۋارىمغا. يېشىمى: جۇن ۋادىسىدا ماڭا تاڭ شامىلىمۇ يېتىشەلمەيدۇ، لېكىن مەن شۇ تاپتا مەن ئۇ چاۋەندازىمغا يېتىشەلمەيۋاتىمەن، ئۇ نېمداق تېز ماڭىدىغاندۇ – ھە؟! سەنى، ئەي مۇغبەچە، مەخمۇرلۇقدىن ئاسراسۇن تەڭرى، ئەگەر بىر جامى مەي بىرلە ئىلاج ئەتسەڭ خۇمارىمغا. يېشىمى: ئەي، مەيخانا خىزمەتچىسى يىگىت، ئەگەر بىر جام شاراب بىلەن مېنىڭ خۇمارىمنى چىقىرىپ قويساڭ، ئاللاھ سېنى مەست بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن. فەنا مەيخانەسىنىڭ مەيفۇرۇشىغا فىدا جانىم، كى مەي ئىھسان قىلۇر ھالەتدە باقماس يوقۇ بارىمغا. يېشىمى: ئۆزلۈكىدىن يوقاتقانلار مەيخانىسىنىڭ مەيپۇرۇشىغا جېنىم پىدا بولسۇنكى، ئۇ ماڭا شاراب ئىلتىپات قىلىدىغان چاغدا، بايلىقىمنىڭ بار – يوقلۇقىغا قارىمايدۇ. ۋەفا ئوتىغا مەن كۆيدۇم، ۋەلې تاپقاي نەۋائىيدەك، مۇھەببەت رىشتەسى باققان كىشى ھەربىر مەزارىمغا. يېشىمى: ۋاپادارلىق ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولغان بولساممۇ، لېكىن مازىمغا ھەر قارىغان ئادەم ئۇ يەردىن نەۋائىيدەك مۇھەببەت رىشتىسىنى تاپالايدۇ. ئايا بادى ساب، ئەرزىمنى يەتكۈر گۇلئۇزارىمغا، تەرەھھۇم ئەيلەگەي شايەد مەنىڭ ئەرزى نىيازىمغا. يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، گۈل يۈزلۈكۈمگە ئەرزىمنى يەتكۈزگىن، بەلكى ئۇ ماڭا رەھىم قىلىپ دادىمغا يەتسە ئەجەپ ئەمەس. كى ئەي ئشىق ئەھلى، مەن ئۆلگۇم، كەلۈر فەرھاد ئىلە مەجنۇن، ياراتماي قويغاسىز جارۇپ ئەتىپ مەيلى مەزارىمغا. يېشىمى: ئەي مۇھەببەت ئەھلى، مەن ئۆلۈپ كەتسەم، فەرھاد بىلەن مەجنۇن ئېسىل سۈپۈرگە كۆتۈرگەن ھالدا، تۇپراق بېشىمغا كېلىدۇ. فەلەك قەددى بولۇپ نۇنى، كۆيۈپ ئانداغ شەفەقگۇنى، فىغانىم دەردىدىن ئوت ئالغان ئاھۇ نالە – زارىمغا. يېشىمى: پىغانىمنىڭ دەردىدىن ئوت ئالغان ئاھ ۋە نالە – زارىمنىڭ ئالدىدا، پەلەكنىڭ قەددى «ن» ھەرپىدەك پۈكۈلىدۇ، شەپەق كۆيىدۇ. ھەرىر جان پەردەسى بولغاي، سىياھ كۆز مەدمۇمى، نامە، يازارغا سۇنسا كۆڭلۈم قول ئول ئايدىن شەرھى زارىمغا. يېشىمى: كۆڭلۈم ئاھ – زارىمنى ئىزھار قىلىپ ئۇ ئايغا خەت يازماقچى بولۇپ تەرەددۇتلەنسە، جېنىمنىڭ پەردىسى يىپەك، كۆزۈمنىڭ قارىسى سىياھ بولىدۇ. مۇقەممەرۋەشغە تالىب بۇ كۆڭۈل، جاندۇر دىرھەم نەقدى، مەلاھەت نۇتقىدا ئالغاي ئۇتۇپ دەپ نەردىبازىمغا. يېشىمى: قىمارۋازىم گۈزەللىكى ۋە شېرىن سۆزى بىلەن ئۇتۇۋالغاي دەپ، بۇ كۆڭۈل جېنىمنى دەسمايە قىلىپ، ئۇ ئاي جامالغا ئۆزىنى تىكتى. جەمالىڭ لالەزارى يادىدىن گۇلگۇن سىرىشكىمدۇر، تۇتۇپ تۇفانى قان مەۋجى ئاقىزماقنى جىھازىمغا. يېشىمى: گۈزەل جامالىڭنى خىيال قىلسام، قانلىق كۆز يېشىم تۇپان بولۇپ، بارلىق روزغارىمنى ئېقىتىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۆزەڭنى سەئۋەئى بىبالۇ پەر قىلغايسەن، ئەي مىسكىن، دەسەڭكىم، سىينەم ئۈستۈن يەر تۇتاي ئول شاھبازىمغا. يېشىمى: ئەي مىسكىن، «ئوڭدا يېتىپ بېرەي، ئۇ لاچىنىم ئۇۋالىۋالسۇن» دېسەڭ، ئۆزەڭنى سەئۋە قۇشىنىڭ تۈكمۇ چىقمىغان باچكىسىدەك قىلغايسەن. تەئەززە باغ ئىچرە ساڭا ساچتى گۇل ئاقۇ قىزىل يافراق، شاھ باشىغە ئانداقكىم ئەل ئاقۇ قىزىل يارماق. يېشىمى: خەلق شاھلارنىڭ بېشىغا تەڭگە – تىلا چاچقانغا ئوخشاش، باغدا گۈللەر ساڭا رەڭمۇرەڭ يوپۇرماقلارنى چاچتى. نە يارلىغ ئولغايكىم، ھەر كەچە تاڭ ئاتقۇنچە، سەن ئەيش ئىلە ئۇيقۇدا، مەن رەنج بىلەن ئويغاق. يېشىمى: بۇ قانداق دوستلۇق، ھەر كېچىسى تاڭ ئاتقىچە سەن راھەتلىنىپ ئۇخلايسەن، مەن دەرد – ئەلەم بىلەن ئويغاق ئۆتىمەن. كۆز مەردۇمى كويۇڭنىڭ گەردىن تىلەبان باردى، قانىكى ئاقار، ئانى قان تارتتىمۇ يا تۇپراق. يېشىمى: كۆزۈمنىڭ قارىچۇقى كوچاڭنىڭ توزىڭىنى ئارزۇلاپ باردى، ئەگەر قان ئاقسا، ئۇنى قان قىساسى تۇتقان ياكى تۇپراق ئۆزىگە تارتقان. كۆرگەچ ئانى ھەيرەتدىن ئىلكىمنىكى تىشلەر مەن، بارماقغا باتىپدۇر تىش، تىلنى كەسىبان تىرناق. يېشىمى: ئۇنى كۆرگەندە، ھەيرانلىقتا قولۇمنى چىشلىگەنىدىم، چىشىم بارمىقىمغا پېتىپ كېتىپتۇ، تىرنىقىم تىلىمنى كېسىۋېتىپتۇ. جان نەقدىن ئەجەل بىرلە ھەجرىڭ ئىكى بۆلمىشلەر، ئانداقكى، تاپىپ سۇدى ئايىرغاي ئىكى ئورتاق. يېشىمى: خۇددى ئىككى شېرىك سودىگەر تاپقان پايدىسىنى تەڭ بۆلۈشكەندەك، پىراقىڭ بىلەن ئەجەل ئىككىسى جان دەسمايەمنى تەڭ بۆلۈشىۋاپتۇ. كويۇڭ كەرەك، ئۇچماق يوق، ئۇچماق ئىلە كويۇڭدا، ئول نەۋئى تەفاۋۇتدۇركىم، تامۇق ئىلە ئۇچماق. يېشىمى: ماڭا جەننەت ئەمەس، كوچاڭ كېرەك؛ كوچاڭ بىلەن جەننەتنىڭ پەرقى جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ پەرقىدەكتۇر. ھەم دەھر بەقاسىزدۇر، ھەم ئۇمر ۋەفاسىزدۇر، خۇشتۇر نەفەسى ئۆزنى ئەھباب ئىلە خۇش تۇتماق. يېشىمى: دۇنيا دېگەن باقىي ئەمەس، ئۆمۈرمۇ ۋاپاسىز، بىردەم بولسىمۇ، دوستلار بىلەن خۇشال ئۆتكەن ياخشى. يەتمەكلىك ئەرۇر مۇشكىل مەقسەدغە، نەدىنكىم بار، كۆز خىيرەيۇ تۈن تىيرە، ئات ئاقساقۇ يول بورتاق. يېشىمى: مەقسەتكە يېتىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىينكى، كۆز خىرەلەشكەن، تۈن قاراڭغۇ، ئات ئاقساق، يول ئېگىز – پەس. تەئەززە چۈشۈرگىسى دەپسەنكى، نەۋائىينى كەلگۈم داغى ئۆلتۈرگۈم، ئول ئۆلدى بۇ ھەسرەتدىن، كەل تەڭرى ئۈچۈن پاتراق. يېشىمى: «ئەمدى كەلسەم نەۋائىنى ئۆلتۈرىمەن» دەپسەن، ئۇ مۇشۇ ھەسرەتتىن ئۆلدى، خۇدا ھەققى تېزرەك كەلگىن. نۇسخە سەرۋى رەۋاندەك چىقسا ئول شەھر ئىچرە غەۋغا بولغۇسى، بىر غەمزەسىندىن ھەر زامان يۈز فىتنە پەيدا بولغۇسى. يېشىمى: ئۇ سەرۋىدەك گۈزەل نازلىق مېڭىپ چىقسا، شەھەرگە غەۋغا تېرىيدۇ؛ بىر قېتىم قاش ئېتىپ قويسىلا، يۈز پىتنە پەيدا بولىدۇ. ئول نازەنىن قەد جان بىكىن قايدا بولۇر بولسا رەۋان، كۆلەنگەسى شەمشاد يا سەرۋى دىئارا بولغۇسى. يېشىمى: ئۇ نازىنىننىڭ قەددى – قامىتى قان كەبى: ئۇ قانداق جايدا بولسا، كۆلەڭگىسى شەمشادقا ياكى گۈزەل سەرۋى دەرىخىگە ئايلىنىدۇ. يۈزىنىڭ ئۈزرە زۇلفىنى مەششاتەكىم شانە قىلۇر، بازارى ھۇسنىندە ئانىڭ يۈز تۈرلى غەۋغا بولغۇسى. يېشىمى: يۈزىگە چۈشكەن چېچىنى پەردازچىسى تاراپ قويسا، ئۇنىڭ توغرىسىدا، ھۆسىن بازىدا يۈز تۈرلۈك غەۋغا قوزغىلىدۇ. جادۇ كۆزى دەۋرىندە خۇد كافىر بەسى بولدى، ۋەلې، لەئلى لەبىن ئەھدىن كۆرۈپ، بارچەسى تەرسا بولغۇسى. يېشىمى: سېھرىگەر كۆزىنىڭ ئەتراپىنى چۆرگۈلەپ كېتەلمەي، سېپى ئۆزىدىن كاپىر بولۇپ كەتتى، ئەمما ھېقىقتەك لېۋىدىن چىققان ۋەدىسىنى ئاڭلىسا، ھەممىسى تەرسا بولۇپ كېتىدۇ. بەرناغا تەگسە ھالى ئشق، ئول پىيرى كامىل كۆرۈنۈر، ھەم پىيرغە ئول ھالىدىن يەتىشسە، بەرنا بولغۇسى. يېشىمى: ئەگەر ھالىي ئىشق ياش يىگىتكە تېگىش بولسا، ئۇنى كامالەتكە يەتكەن پىر قىلىۋېتىدۇ؛ ئەگەر پىرىكامىل بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇقسا، ئۇ يىگىتكە ئايلىنىدۇ. تاپمادى ۋەسلى گەۋھەرىن مەۋجۇنى بەلادە مۇبتەلا، بولۇپ، كۆزۈمنىڭ ياشىدىن ھەر قەترە دەريا بولغۇسى. يېشىمى: بالا گىردابىغا چۈشۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ۋىسال گۆھىرىنى تېپىش مۇمكىن بولمىدى، ئەمدى كۆز يېشىمنىڭ ھەربىر تامچىسىدىن بىر دەريا بولغۇسى. ھافىز بولۇپدۇر فەرد ئۇسۇل دىلدارنىڭ يولىنداكىم، جانلارغا ھەزرەتدىن نىدا بىر يولى فەردا بولغۇسى. يېشىمى: ھافىز پەقەت ئۇ دىلدارنىڭلا يولىنى تۇتتى، جانلارغا ھەزرەتنىڭ ھۇزۇزىدىن تاڭلا كۈنى بىراقلا نىدا كەلسە كېرەك. ئىشق سررىن ھەجر ئەسىرى ناتەۋانلاردىن سوراڭ، ئەيش ئىلە ئىشرەت تەرىقىن كامرانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: ئىشق – مۇھەببەتنىڭ سىرىنى ھىجرانلىققا ئەسىر بولغان ناتىۋاتلاردىن سوراڭ؛ ئەيش – ئىشرەتنىڭ يول – يوسۇنىنى بولسا، مۇرادىغا يەتكەن كىشلەردىن سوراڭ. بىزگە جۇز مىھرۇ ۋەفا ئاينى بولمايدۇر نەسىپ، بىۋەفالىغ رەسمىنى نامىھرىبانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: بىزگە مېھىر – ۋاپا ئادىتىدىن باشقىسى نېسىپ بولماپتىكەن. ۋاپاسىزلىق ئادىتىنى ۋاپاسىزلاردىن سوراڭ. بىزنى دەۋران مىھنەتىدىن ئاجىز ئەتمىش ھەم قەرى، ھۇسن ئىلە قۇۋۋەتنى رەئنا نەۋجەۋانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: دەۋرنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرى بىزنى ئاجىز – قېرىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھۆسىن بىلەن كۈچ – قۇۋۋەتنى ياش گۈزەللەردىن سوراڭ. بىدىل ئەل دىلجويلۇق يا دىلشىكەنلىك رسمىنى، فەھم قىلماسلار، بۇ ئىشنى دىلسىتانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: شەيدا ئاشىقلار يا كۆڭۈل ئېلىشنى بىلمەيدۇ يا دىل رەنجىتىشنى ئۇقمايدۇ؛ بۇنداق ئىشلارنى كۆڭۈل ئوۋلاپ كۆنۈپ كەتكەنلەردىن سوراڭ. نىك نام ئەل ئشق ئارا بەدناملىغلار شىۋەسىن، ياخشى بىلمەسلەر، ئانى بىزدەك يامانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: «ياخشى» دەپ نامى بار كىشىلەر ئىشق – مۇھەببەت يولىدا يۈرۈپ، بەدنامغا قالغانلارنىڭ ئادىتىنى بىلمەيدۇ. ئۇنى بىزدەك يامانلاردىن سوراڭ. فەقرلىق زەۋقىنى سورماڭ شەۋكەتۇ جاھ ئەھلىدىن، ئول سۇئۇبەت لەززەتىن بىخانومانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: يوقسۇللۇقنىڭ زوقىنى شان – شەۋكەتلىك ۋە مەترىۋلىك كىشىلەردىن سورىماڭ، بۇنداق قىيىنچىلىقنىڭ لەززىتىنى ئۆي – ماكانسىزلاردىن سوراڭ. ئەجز تۇفراغىدا ئشق ئەھلىغە ئۆلگەن ھۇكم بار، قەتل ھۇكمى ئەيلەمەكنى قەھرىمانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: ئاشىقلار ئاجىزلىق تۇپرىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان؛ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى قەھرىمانلاردىن سوراڭ. بىلمەدى مەقسۇد گەنجىنىڭ نىشانىن ئەھلى رەسم، كى سورارسىز ئانى بىنامۇ نىشانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: مەقسەت خەزىنىسىنىڭ ئالامەت – بەلگىسىنى ئابرويلۇق، مەرتىۋىلىك كىشىلەر بىلمەيدۇكى، ئەگەر سورىماقچى بولسىڭىز، بۇنى نام – نىشانسىزلاردىن سوراڭ. نۇسخە چۈشۈرگىسى چۇن نەۋائىي ئىشق سەھراسىندا يىتتى، دوستلار، ئانى ئول ياندىن يەتىشكەن كارۋانلاردىن سوراڭ. يېشىمى: ئەي دوستلار، نەۋائىي ئىشق چۆلىدە يىتىپ كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ دېرىكىنى ئاشۇ تەرەپتىن كەلگەن كارۋانلاردىن سوراڭلار. يارىم ساقىي لەئلىدىن چۇنكى تەككەللۇمدا تامار ئابى ھەيات، ساۋۇغ ئاھىمدىن ئەرۇر باغلانسا مۇز ھەببى نەبات. يېشىمى: ئۇ گەپ قىلسا، ئېغىزىدىن بەجايىكى تىرىكلىك سۈيى تامىدۇ؛ شۇڭا سوغۇق ئاھلىرىم تۈپەيلىدىن ئۇ مۇزلىسا، ناۋات كۇمىلىچىغا ئايلىنىدۇ. ئول پەرى كۆزدىن ئۇچار، كۆز داغى شەۋقىدىن ئۇچار، ۋاھكى، مەن ئۇچقالى ھەم يوقتۇرۇر ئىگنىمدە قانات. يېشىمى: ئۇ پەرى كۆزۈمدىن ئۇچۇۋاتىدۇ، كۆزۈممۇ ئۇنىڭ ئىشتىياقىدىن ئۇچقىلى تۇردى؛ ئەپسۇسكى مەن ئۇچاي دېسەم، قانىتىم يوق. ئا يارىم ساقىي، ئا يارىم، يارەي، جەننەتلەر باقىي، يېشىمى: ئا يارىم، يارەي سەنىڭغىنا دەردىڭ يامان. زۇلفۇڭ ئاللىدا بىنەفشە سۇدا كۆرگەچ ئەكسىنى، قويمادى يانە باشىن يۇققارى قىلماقغا ئۇيات. يېشىمى: بىنەپشە گۈلى سۇدا ئۆز ئەكسىنى كۆرگەندە، چېچىڭنىڭ گۈزەللىكى ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ھېچنېمە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇياتتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. بارىبان ھەر نەچە پات كەلسە، كۆرۇنۇپ ماڭا كەچ، كەلىبان ھەرنەچە كەچ بارسا، كۆرۈنۈر ماڭا پات. يېشىمى: ئۇ كېتىپ ھەرقانچە تېز كەلسىمۇ، ماڭا كېچىكىپ كەلگەندەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ كېلىپ ھەرقانچە كەچ قايتسىمۇ، يەنىلا تېز قايتىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ. سىررى ئىشقىڭنى دەي ئالمان يازا ھەم ئالمانكىم، تىلى ئىكى قەلەمۇ كۆڭلى قارا كەلدى دۇۋات. يېشىمى: ئىشقىڭنىڭ سىرىنى ئېيتالمايمەن ھەم يازالمايمەن. چۈنكى قەلەمنىڭ تىلى ئىككى، دۈۋەتنىڭ كۆڭلى قارا كېلىپ قالدى. ئا يارىم ساقىي، ئا يارىم، يارەي، جەننەتلەر باقىي، ئا يارىم، يارەي، سەنىڭغىنا دەردىڭ يامان. مەن تىلەپ ھۇسن، ۋەلى شاھ تىلەپ ئەسلۇ نەسەپ، ماڭا لولى بىلە ھىندۇ، ئاڭا قوڭراتۇ قىيات. يېشىمى: مەن ھۆسىن تىلەيمەن، لېكىن شاھ ئەسلى نەسەبنى تىلەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا دولان بىلەن ھىندۇ، ئۇنىڭغا قوڭرات بىلەن قىيات (قەدىمىي تۈرك قەۋملىرى) كېرەك. ساقىيا، ھۇش كەرەكمەس ماڭا ھېجران دەمىدە، بادە تۇتۇ، دارۇيى بىھۇشنى ۋەلې بادەغە قات. يېشىمى: ئەي ساقىي، ھىجران پەيتىدە، ماڭا ھۇشنىڭ لازىمى يوق، شۇڭا شاراب تۇتقىن – دە، لېكىن ئۇنىڭغا ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسىنى قاتقىن. تىلەدىم يار، ھەيات ئەيلەي ئاڭا سەرف دەدىم، ۋاھكى، ئول داغى ۋەفا قىلمادى ئانداغكى ھايات. يېشىمى: يارنى تىلىدىم، ئۇنىڭغا «ھاياتىمنى بېغىشلاي» دېدىم؛ مىڭ ئەپسۇس، ئۆمۈر ۋاپا قىلمىغىندەك، يارمۇ ۋاپا قىلمىدى. ئەي نەۋائىي، تىلەسەڭ سېلى فەنادىن مەخلەس، فەقر دەشتىدە كەرەك تاغدەك ئارامۇ سەبات. يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ئۆزلۈكىدىن يوقىتىش سېلىدىن چىقىش يولى تىلىسەڭ، يوقسۇللۇق دەشتىدە، تاغدەك ئېغىر – بېسىق ۋە چىداملىق بول. ئا يارىم ساقىي، ئا يارىم، يارەي، جەننەتلەر باقىي، ئا يارىم، يارەي، سەنىڭغىنا دەردىڭ يامان. يارىم ساقى چۈشۈرگىسى ئايارىم ساقىي، ئا يارىم، يارەي، جەننەتلەر باقىي، ئايارىم، يارەي، سەنىڭغىنا دەردىڭ يامان. يېشىمى: ئېھ، دوستۇم ساقىي،جەننەتلەرمەڭگۈلۈك؛ سېنڭلادەردىڭ يامان ئەممائۇنى كۆرگۈلۈك. مۇستەھزاد ھىچ كىشىنى قويماغىل، يا رەب،غەمى ھىجران بىلە، يۇسۇفى كەنئانغائوخشا مىھنەتى زىندان بىلە. يېشىمى: ئەي پەرۋەردىگار، ھېچكىمنى جۇدالىق غېمىگەمۇپتىلاقىلما، كەنئانلىق يۈسۈپكەئوخشاش زىندان ئازابىغىمۇگىرىپتارقىلما. كۆرسەلەر گەر خانۇ شاھلەر بەلكى سۇلتانى زەمان، قىلغۇدەكدۇر خىزمەتىڭنى، ئەي پەرىۋەش، جان بىلە. يېشىمى: ئەي پەرىدەك گۈزەل، ئەگەر سېنى خان – شاھلار، ھەتتا زاماننىڭ سۇلتانى كۆرسىمۇ، «جان» دەپ خىزمىتىڭنى قىلغۇدەك. كۆرمەدىم لەئلى لەبىڭنى يا تىشىڭدەك گەۋھەرى، قانچە ئاختاردىم جەھاننى بەھر ئىلەيۇ كان بىلە. يېشىمى: جاھاننىڭ دېڭىزلىرىنى ئاختۇردۇم، كانلىرىنى قازدىم، ئەمما، لېۋىڭدەك ياقۇنى، چىشىڭدەك گۆھەرنى ئۇچراتمىدىم. بىرگىنە كۆرمەي يۈزۈڭنى دەھر ئارادا تويغۇنچە، كەتكۈدەكمەن ئاقىبەت بۇ ئارزۇ ئەرمان بىلە. يېشىمى: بۇ دۇنيادا چىرايىڭنى بىر قېتىممۇ قانغىچە كۆرەلمەي، ئاقىۋەتتە شۇ ئارزۇ – ئارمان بىلەن ئالەمدىن كەتكۈدەكمەن. ئول گۇلى جەننەت فىراقىدا، قەلەندەر، سۇبھۇ شام، ئۆتكۈدەكمەن بۇلبۇل ئوخشا نالەيۇ ئەفغان بىلە. يېشىمى: مەن قەلەندەر، ئۇ جەننەت گۈلىنىڭ پىراقىدا، بۇلبۇلغا ئوخشاش ئەتىگەندىن كەچكىچە نالە – پىغان چېكىپلا ئۆتكۈدەكمەن. جۇلا قىرق گۈن بولدى، ئەي يارىم، ۋەسلىڭدىن جۇدادۇرمەن، ۋەسلىڭدىن جۇدا بولغاچ غەمگە مۇبتەلادۇرمەن. يېشىمى: ئى يارىم، ۋىسالىڭدىن جۇدا بولغىلى قىرىق كۈن بولدى، سېنى كۆرەلمىگەچ غەم – قايغۇغا گىرىپتار بولدۇم. زۇھرانىڭ فىراقىدا دەر – بەدەر گەدا دۇرمەن، كۈل بولدى مەنىڭ جىسمىم، بىر يولى ئەدادۇرمەن. يېشىمى: زۇھرانىڭ جۇدالىقى دەردىدە، ئىشىكمۇ ئىشىك تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرىمەن؛ ۋۇجۇدۇم كۆيۈپ كۈل بولدى، بىر يولىلا تۈگىشىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرسەم، باشلارىڭدىن ئۆرگۈلسەم، ئۆلسەم ئەرمانىم يوقتۇر، ئاياغىڭدا جان بەرسەم. يېشىمى: ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرسەم، ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولسام؛ ئايىغىڭدا جان بەرسەم، ھېچ ئارمىنىم يوق. بۇ تاغلار ئەگىز تاغلار، ئاشىق يولىنى باغلار، بوش قالدى چاھار باغلار، تاھىر ئۆلسە كىم يىغلار. يېشىمى: بۇ ئېگىز تاغلار ئاشىقنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ تۆت پەسىللىك باغلار بوش قالدى، تاھىر ئۆلۈپ كەتسە كىم يىغلار؟ بۇ تاغلار ئەگىز تاغلار، مەئشۇق يولىنى باغلار، بوش قالسا چاھار باغلار، تاھىرغا زۇھرا يىغلار. يېشىمى: بۇ ئېگىز تاغلار مەشۇقنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ تۆت پەسىللىك باغلار بوش قالسا، تاھىرغا زۇھرا يىغلايدۇ. سەنەم جانىمدا ئەلىف يەڭلىغ ئول سەرۋى مەكان ئەتمىش، جىم نۇقتەسىدەك داغىن جانىمدا نىھان ئەتمىش. يېشىمى: ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزەل جېنىمنىڭ ئىچىگە ئېلىپتەك ماكانلاشتى؛ قايغۇ – ئەلەملىرىنى جېنىمنىغا «ج» ھەرپىنىڭ چېكىتىگە ئوخشاش يوشۇردى. جانىمنى ھەدەف ئەيلەپ، كىرفىكلەرى سەف ئەيلەپ، غەمزە ئوقىن ئاتماقغا قاشىنى كەمان ئەتمىش. يېشىمى: كىرپىكلىرىنى سەپكە تۇرغۇزۇپ، جېنىمنى نىشانغا ئېلىپ، غەمزە ئوقىنى ئېتىش ئۈچۈن قېشىنى يا (كامان) قىلدى. مەن بىدىلىي ھەيرانغا ھەم كۆزلەرى گىريانغا، چىرماشماق ئۈچۈن جانغا زۇلغىنى يىلان ئەتمىش. يېشىمى: نېمە قىلىشنى بىلەلمەي، ياش تۆكۈۋاتقان مەن بىچارىنىڭ جېنىغا چىرمىشىش ئۈچۈن، چېچىنى يىلان قىلدى. ئول دىلبەرى مەھۋەشكە غەمزە بىلە دىلكەشكە، چىھرەم ئۈزە قان ياشىم ھالىمنى بەيان ئەتمىش. يېشىمى: يۈزۈمدىكى قانلىق يېشىم ئۇ ئاي يۈزلۈك گۈزەل دىلكەشكە ئەھۋالىمنى بايان قىلدى. يارىم ماڭا سۆز قاتىپ، غەمزە بىلەن قاش ئاتىپ، ئشق ئوتىدا سارغارتىپ، چىھرەمنى سامان ئەتمىش. يېشىمى: يارىم ماڭا گەپ ئېتىپ، غەمزە بىلەن قاش ئېتىپ كۆيدۈرىۋالدى، ئىشق ئوتىدا چىرايىمنى ساماندەك سارغايتتى. ئىشقىڭدا كەتەر باشىم، لەئلىڭ غەمى يولداشىم، ئول شوخ قاراقاشىم مەندىن نە گۇمان ئەتمىش. يېشىمى: ئىشقىڭدا بېشىم كېتىدۇ، لېۋىڭنىڭ غېمى ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ؛ ئەي شوخ قاراقاش گۈزىلىم، مەندىن نېمانچە گۇمانلىنىدىغانسەن؟ ئشق ئوتىدا داغلايدۇر، زۇلفى بىلەن باغلايدۇر، ئۆلتۈرگەلى چاغلايدۇر، بۇ قۇل نە زىيان ئەتمىش. يېشىمى: ئۇ ئىشق ئوتىدا يۈرىكىمنى داغلايدۇ؛ چاچلىرى بىلەن باغلاپ، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ؛ مەندەك بىر قۇلدىن ئۇنىڭغا زادى نېمە زىيان يەتكەندۇ؟ دىلخەستە ۋەفائىينى ئول كۆزلەرى مەستانە، باغرىنى كەباب ئەيلەپ، كۆڭلىن تولا قان ئەتمىش. يېشىمى: ئۇ خۇمار كۆزلۈك يار، باغرى ئېزىلگەن ۋافائىينىڭ جىگىرىنى كاۋاپ قىلىپ، يۈرىكىنى لىق قان قىلىۋەتتى. چوڭ سەلىقە كۆرسەت جەمالىڭ مەستانەلەرگە، ئىقىڭدا كۆيگەن پەرۋانەلەرگە. يېشىمى: ئىشق ئوتۇڭدا پەرۋانىدەك كۆيگەن مەندەك مەستانىگە جامالىڭنى كۆرسەت. يوق ماڭا تاقەت قىلسام قەنائەت، غەمزە قىلۇرسەن بىگانەلەرگە. يېشىمى: ياتلارغا غەمزە قىلساڭ، مەندە ئۇنىڭغا قانائەت قىلىپ تۇرغىدەك تاقەت يوق. مەندىن دۇئايى سەندىن ئجابەت، جانىم تەسەددۇق جانانەلەرگە. يېشىمى: تىلەك مەندىن، يەتكۈزمەك سەندىن؛ جانانغا جېنىم تەسەددۇق. ئەي زۇلمى قاتىغ، رەھم ئەيلەمەيسەن، قىلغىل نەزارە بىيچارەلەرگە. يېشىمى: ئەي زۇلمى قاتتىق يار، مەن بىچارىگە رەھىم قىلمىساڭمۇ، نەزەر سېلىپ قويغىن. پەردەنى ئاچغىل ئايدەك يۈزۈڭدىن، كۆرسەت جەمالىڭ دىيۋانەلەرگە. يېشىمى: ئايدەك يۈزۈڭدىن چۈمپەردىنى ئېچىپ، مەن مەجنۇنغا جامالىڭنى كۆرسەت. مەشرەپ غەرىبىڭ، بەندەم دەگەيسەن، باشىنى قويدى ئاستانەلەرگە. يېشىمى: غېرىب مەشرىبىڭ بوسۇغاڭغا بېشىنى قويدى، ئۇنى «قۇلۇم» دېگەيسەن. كىچىك سەلىقە بىرىنچى ئاھاڭ سەنى لەيلىئى رەئنادەك ئەجايىب دىلرەبا دەرلەر، مەنى مەجنۇنى ھەيراندەك كويۇڭدا بىر گەدا دەرلەر. يېشىمى: سېنى دىلنى مەپتۇن قىلغۇچى لەيلىدەك ئاجايىپ بىر دىلرەبا دېيىشىدۇ؛ مېنى تىڭىرقاپ قالغان مەجنۇندەك كوچاڭدا يۈرگەن بىر تىلەمچى دېيىشىدۇ. ئەجەبدۇر، ئەي شاھى خۇبان، كەچە – گۈندۈز ئىشىكىڭدە، ھەمىشە مەن نەۋا قىلسام: «داغى سەن بىنەۋا»دەرلەر. يېشىمى: ئەي گۈزەللەر شاھى، مەن ئىشىكىڭدە كېچە – كۈندۈز نالە – ناۋا قىلىۋاتسام، ئەجەبا، كىشىلەر مېنى «سەن تېخى نالە – ناۋا قىلمىدىڭ» دېيىشىدۇ – يا؟ باقىبان ئەل سارى، جانا، يۈزۈڭدىن بىر نىقاب ئالساڭ، زۇخۇڭنى چۈن مەھى ئەنۋەر، تەجەللىئى خۇدا دەرلەر. يېشىمى: ئەي جان، ئەلگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، يۈزۈڭدىن چۈمپەردەڭنى بىر ئاچساڭ، رۇخسارىڭنى «بەجايىكى نۇرلۇق ئاي، ئاللاھ مەرھىمىتىنىڭ جىلۋىسى» دېيىشىدۇ. تەبەسسۇم ئەيلەبان ناگاھ نەزەر قىلساڭ گورىستانغا، قوپۇپ گوردىن بارى مۇردەھەمە «ۋا ھەسرەتا!» دەرلەر. يېشىمى: ئەي جان، ئەلگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، يۈزۈڭدىن چۈمپەردەڭنى بىر ئاچساڭ، رۇخسارىڭنى «بەجايىكى نۇرلۇق ئاي، ئاللاھ مەرھىمىتىنىڭ جىلۋىسى» دېيىشىدۇ. تەبەسسۇم ئەيلەبان ناگاھ نەزەر قىلساڭ گورىستانغا، قوپۇپ گوردىن بارى مۇردەھەمە «ۋا ھەسراتا!» دەرلەر. يېشىمى: گۆرىستانغا قاراپ شۇنداققىنا بىر تەبەسسۇم قىلىپ قويىدىغان بولساڭ، بارلىق مۇدرىلار گۆرلىرىدىن قوپۇپ، «ۋاي ئېسىت، ئەجەپ گۈزەلكىن – ھە!» دەپ قېلىشىدۇ. كۆرۈبان بەئزى ئاشقىلاركى ھەلقە – ھەلقە زۇلفۇڭنى، ئەزەلدىن بىزگە سالغان بۇ ھەمە زەنجىرى پا دەرلەر. يېشىمى: ئاشىقلار ھالقا – ھالقا بولۇپ تۇرىدىغان بۈدرە چېچىڭنى كۆرگىنىدە، «بۇنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن پىشانىمىزغا پۈتۈلۈپ، پۇتىمىزغا سېلىنغان كىشەن» دېيىشىدۇ. يۈرۈپ سورۇم تەبىبلەردىن: «نەدۇر بۇ دەردىمەن دەرمان؟» تەبىب ئايتۇركى:«ئەي نادان، بۇ دەردى بىدەۋا» دەرلەر. يېشىمى: تېۋىپلارنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن:«بۇ دەردىمنىڭ دەۋاسى نېمە؟»دەپ سورىسام، بىر تېۋىپ: «ئەي نادان، بۇ داۋاسىز دەرد دېيىلىدۇ» دېدى. ئىتىڭنىڭ خاكى پايىغا زەلىلى يۈزىنى سۈردى، نىدا كەلدىكى قەسرىڭدىن:«كۆزۈڭ سۈر، تۇتىيا دەرلەر». يېشىمى: زەلىلىي ئىتىڭنىڭ پۇتىدىكى توپىنى يۈزىگە سۈرگەنىدى، قەسرىڭدىن: «كۆزۈڭگە سۈرگىن، ئۇنى ‹تۇتىيا› دەيدۇ» دېگەن سادا كەلدى. ئىككىنچى ئاھاڭ ئەي رەفىق سەن ساقلاغىل كۆڭلۈڭدە بىر ئەسرارى بار، ياردىن قىلغىل ھەزەر، يانىدا بىر ئەغيارى بار. يېشىمى: ئەي دوست، كۆڭلۈڭدىكى سىرىڭنى چىڭ ساقلا، ھەتتا يارىڭدىنمۇ ھەزەر قىل، ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر بىگانە بولۇپ قالسا. دەمەگىل دەپ سەن ئاڭا سىررىڭنى قىلساڭ ئاشكار، ئول ھەم ئايتۇر دەمە دەپ، ئانىڭمۇ ھەم بىر يارى بار. يېشىمى: يارىڭغا «باشقىلارغا دېمە» دەپ، سىرىڭنى ئېيتساڭ، ئۇنىڭمۇ بىر دوستى بولۇپ قالسا، «دىمە» دەپ، ئېيتىپ قويىدۇ. گۈندۈز قىلساڭ سۇخەن، بول ھەر تەرەفدىن باخەبەر، كەچەلەر ئاھىستە بول، يانىڭدا بىر بىدارىي بار. يېشىمى: كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، دەسلەپ ئەتراپقا باق؛ كېچىدە گەپ قىلساڭ، ئېغىزنى قۇلاققا ياق: ئەگەر يېنىڭدا بىرەر ئويغاق بولۇپ قالسا. خەندە قىلغان بىرلە ھەركىم سەن ئاڭا بولسا فىرىب، گۇل ئاچىلغان بىرلە ئانىڭ يانىدا بىر خارى بار. يېشىمى: بىراۋ ساڭا قاراپ كۈلۈپلا قويسا، ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالما؛ ھەزەر قىلكى ئېچىلغان گلۈنىڭ يېنىدا تىكىنى بولىدۇ. گۇل ئۈچۈن بۇلبۇل ھەمىشە جانىنى ئيسار ئەتەر، ئاقىبەت بۇلبۇلنىڭ ھەم بىر خاردىن ئازارى بار. يېشىمى: بۇلبۇل گۈل ئۈچۈن دائىم جېنىنى پىدا قىلسىمۇ، ئاقىۋەتتە بۇلبۇلغىمۇ بىرەر تىكەندىن ئازار يەتمەي قالمايدۇ. دانىشىڭغا بولما مەغرۇر، ئەي فۇلان ئىبنى فۇلان، بۇ جەھان سەھنىندە سەندەك يۈز تۈمەن ھۇشيارىي بار. يېشىمى: ئەي پالانىنىڭ ئوغلى پالانى، بىلىمىڭ ۋە ئەقلىڭگە مەغرۇرلانما، بۇ جاھاننىڭ سەھنىسىدە سەندەك يۈز تۈمەن ئەقىللىق بار. سەن كۆڭۈلدىن ھەر زامان باتىل خەيالىڭنى چىقار، خەيرىييەت ئەندىشە قىلغىل، ساھىبى ئەسرارى بار. يېشىمى: كۆڭلۈڭنى بۇزۇق خىياللاردىن ھەمىشە تازىلاپ تۇرغىن، ياخشىلىق قىلىشنى، پۈتكۈل سىر – ئەسرارلارنىڭ ساھىبى بارلىقىنى ئويلا. كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى ئەي زۇمۇررەد، بىر خۇدادىن ئۆزگەنى تۇتما ئۇمىد، ھەقدىن ئۆزگە قايدا بارساڭ بىر بۇزۇق دىيۋارى بار. يېشىمى: ئەي زۇمۇررەد، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن ئۈمىد كۈتمە، ھەقتەئالادىن باشقا نەگىلا بارساڭ، بىر ۋايرانىلىقتۇر. پىشرەۋ ئەي گۇلۇم، ئەي سۇنبۇلۇم، ئەي سەۋسەنىم، ئەي ئەنبەرىم، ئەي مەنىم نۇقلىم يەنە ھەببىم، نەباتۇ شەكەرىم. يېشىمى: ئەي مېنىڭ گۈلۈم، سۇمبۇلۇم سەۋسىنىم، ئەي مېنىڭ ئىپار – ئەنبىرىم، مېغىزىم، ناۋات – شېكىرىم. ئەي تەبىبىم، ئەي ھەبىبىم، ئەي جانىم، ئەي ھەمدەمىم، ئەي رەفىيقىم، ئەي شەفىيقىم، ئەي بەگىم، ئەي دىلبەرىم. يېشىمى: تېۋىپىم، دوستۇم، جېنىم، ھەمدىمىم، يارىم، شەپقەتچىم، بېگىم، دىلبىرىم. ئەي بەھارىم، ئەي نىگارىم، ئەي شىكارىم، شاھىدىم، ئەي ھەرىيفىم، ئەي زەرىيفىم، ئەي شەرىيفىم، سەرۋەرىم. يېشىمى: ئەي باھارىم، نىگارىم، شىكارىم، گۇۋاھچىم، شېرىكىم، ئەقىللىقىم – زېرىكىم، شەرىپىم، يولباشچىم. ئەي گۇلىستانىم، گۇلۇم، سەرۋى گۇلئەندامىم مەنىم، ساغەرىم، شەمئى شەبىستانىم، مەلائىك مەنزەرىم. يېشىمى: ئەي گۈلىستانىم، مېنىڭ سەرۋى قامەتلىك گۈزىلىم، شارابىم، تۈندىكى چىراغىم، پەرىشتە سۈپەتلىكىم. ئەي رەياھىن، راھىمۇ روھى رەۋانىم لوتف ئىلە، سەرفەرازىم، سەركەشىم، شوخۇ سەئادەت ئەختەرىم. يېشىمى: ئەي رەيھىنىم، يولۇم، روھلۇق جېنىم، مەرھەمەتلىكىم، ئۇلۇغۋارىم، غورۇرۇم، شوخ يارىم، بەخت يۇلتۇزۇم. ئەي مەنىم خۇرشىدۇ ماھىم، ئەي چىراغىم، فايىزىم، شوخى چەشىم ئەلتافى شاھىم، ئەي مۇبارەك پەيكەرىم. يېشىمى: ئەي مېنىڭ قۇياشىم، ئېيىم، چىرىغىم، پەيزىم، كۆزلىرى شوخ، مەرھەمەتلىك شاھىم، ئەي مۇبارەك گۈزىلىم. پىشرەۋ چۈشۈرگىسى ئىشقىڭ ئالدى ئەقلۇھۇشۇم، كۆڭلۈمى بەغمالادى، سۆيلە ئاخىر، ئەي نەسىمى، جانۇ دىلدىن بىھتەرىم. يېشىمى: ئەي جان – دىلدىنمۇ ئەزىز سۆيگىنىم، ئىشقىڭ نەسىمىينىڭ ئەقىل – ھۇشىنى يوقىتىپ، كۆڭلىنى تالان – تاراج قىلدى، سۆزلىسەڭچۇ، ئاخىر. تەئكىد سەنەمنى دەردىنى دەفتەر قىلىپ خەتكە بىتىپ بولماس، ئانى ئەسرارىنى بىفەھىملەرگە شەرھ ئەتىپ بولماس. يېشىمى: سەنەمنىڭ دەردىنى يېزىپ تۇگەتكىلى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ سىرلىرىنى نادانلارغا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. جۇدالىق خەنجەرى بىرلە يۈرەكىم چاك – چاك بولدى، يۈرەك زەخمىن ئاچىپ بىدەردلەرغە كۆرسەتىپ بولماس. يېشىمى: جۇدالىق خەنجىرى يۈرىكىمنى تىلىم – تىلىم قىلىۋەتتى؛ يۈرەكتىكى بۇ جاراھەتلەرنى دەردسىزلەرگە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. فەلەكنى ئەختەرىن قىلسا بولۇر دەرلەر ھىسابىنى، يۈرەكىم زەخمىنى ھەرگىز ھىسابىنى بىلىپ بولماس. يېشىمى: «كۆكتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھېسابىنى بىلىش مۇمكىن» دېيىشىدۇ، لېكىن يۈرىكىمدىكى يارا – جاراھەتلەرنىڭ سانىنى ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. ئەلەم تارتىپ، يۈرەك كۆيمەي، قارا كۆزدىن تۆكۈلمەس ياش، قازاننى ئاستىغا ئوت ياقماغۇنچە قايناتىپ بولماس. يېشىمى: قازاننىڭ ئاسىتغا ئوت ياقمىغىچە ئۇنى قايناتقىلى بولمايدۇ؛ دەرد – ئەلەم تارتىپ يۈرەك ئۆرتەنمىگىچە، قارا كۆزدىن ياش تۆكەلمەيدۇ. ھۇۋەيدا، ھەر ئىشىكىم بىمۇشەققەت بولماغاي ھاسىل، مۇشەققەت تارتماغۇنچە يار ۋەسلىغە يەتىپ بولماس. يېشىمى: ئەي ھۇۋەيدا، ھەرقانداق بىر ئىش جاپا – مۇشەققەتسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇكى، مۇشەققەت تارتمىقىچە يار ۋەسلىگە يەتكىلى بولمايدۇ. داستان بىرىنچى داستان كەل غەرىبجان، سەير ئەتەلى بىزلەر بۇ باغدا، گۇللار كۆرسۇن بۇلبۇللارنىڭ تەماشاسىنى. سەنىڭ ئۈچۈن ئەزىز جانىم بولسۇن سەدەقە، كۆرگىل، سەنەم شەيدانىڭ تەماشاسىنى. يېشىمى: كەل غەرىبجان، بىز بۇ باغدا سەيلە قىلايلى، گۈللەر بۇلبۇللارنىڭ تاماشاسىنى كۆرسۇن؛ سېنىڭ ئۈچۈن ئەزىز جېنىم سەدەقە بولسۇن، شەيدا ئاشىق سەنەمنىڭ تاماشاسىنى كۆرگىن. ئول خۇدايىم ياراتتى جەننەتۇر رىزۋان، بۇ دۇنيادا نىئمەتلەر بەردى مىڭ ئەلۋان. لەيلى ئۈچۈن نەچە يىل يۈردى سەرگەردان، مەجنۇن كۆرسۇن لەيلانىڭ تەماشاسىنى. يېشىمى: ئۇ ئاللاھ ھۆرلەر قەننىتىنى ياراتتى، بۇ دۇنيادا ئىنسانلارغا مىڭ تۈرلۈك نېمەت بەردى؛ لەي ئۈچۈن نەچچە يىل سەرگەردان بولغان مەجنۇن ئەمدى لەيلىنىڭ تاماشاسىنى كۆرسۇن. ئىشق ئوتى ئاشىقلارنى ئەيلەدى بەرباد، ئاشىق – مەئشۇق ئوت ئىچرە قىلدى مىڭ فەرياد، بىسىتۇن تاغلارىنى قازدى ئول فەرھاد، شىرىن كۆرسۈن فەرھادنىڭ تەماشاسىنى. يېشىمى: ئىشق ئوتى ئاشىقلارنى بەربات قىلدى، ئاشىق – مەشۇقلار ئشىق ئوت ئىچىدە مىڭ پەرياد قىلدى؛ ئۇ فەرھاد بىستۇن تاغلىرىنى قازغان ئىدى، ئەمدى شېرىن فەرھادنىڭ تاماسىنى كۆرسۈن. ئول خۇدايىم ھەر كىمگە سالدى بىر سەۋدا، مۇھەببەتنىڭ بازارىدا تۈمەنمىڭ غەۋغا. ئون ئىككى يىل ئاقتىلار دەريادا ئۇزرا، ۋامىق كۆرسۇن ئۇزرانىڭ تەماشاسىنى. يېشىمى: ئۇ خۇدايىم ھەركىمنىڭ بېشىغا بىر سەۋدا سالدى، ئىشق – مۇھەببەتنىڭ بازىرىدا تۈمەنمىڭ غوۋغا بار؛ ئۇزرا دەريادا ئون ئىككى يىل ئاققنىدى، ئەمدى ۋامىق ئۇزرانىڭ تاماسىنى كۆرسۈن. غەرىب – سەنەم قوشۇلدىلار باغدا جەمئ بولۇپ، يۈرەكلەرى پارە – پارە، كۆزى نەم بولۇپ، ئىكى ئاشىق بىر – بىرىگە يار ھەمدەم بولۇپ، تاھىر كۆرسۇن زۇھرانىڭ تەماشاسىنى. يېشىمى: غەرىب – سەنەم باغدا جەم بولۇپ بىر – بىرىگە قوشۇلدى، يۈرەكلىرى پارە– پارە، كۆزلىرى نەملەشكەن بۇ ئىككى ئاشىق بىر – بىرىگە يار ھەمدەم بولۇشتى. ئەمدى تاھىر زۇھرانىڭ تاماشاسىنى كۆرسۇن. ئىككىنچى داستان ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋەفاسى قالدىمۇ؟ قىلماغان جانغا جەفاسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋاپاسى، جانغا سالمىغان جاپاسى يەنە قالدىمۇ؟ ئاتماغان سىينەمگە ئول پەيۋەستە قاش، مىژگان ئوقى – قاشى ياسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: ئۇ قوشۇلما قاشنىڭ يۈرىكىمگە ئاتمىغان كىرپىك ئوقى، قېشىنىڭ ياسى قالدىمۇ؟ پارە بولغان كۆكسۈمە پەيكانىدىن، قىلغاغان يارنىڭ دەۋاسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: پارە – پارە بولغان يۈرىكىمگە يارنىڭ كىرپىك ئوقى بىلەن قىلمىغان داۋاسى قالدىمۇ؟ ئۆرتەنىپ ھەجرىدە كۈل بولماق بىلە، جانۇ كۆڭلۈمنىڭ سەفاسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: يارنىڭ جۇدالىقىدا ئۆرتىنىپ، كۆيۈپ كۈل بولغان جان – دىلىمنىڭ ساپاسى قالدىمۇ؟ جان فىدا قىلدىڭ دەر ئەردىڭ، ئەي كۆڭۈل، بولماغان جانان فىداسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، «جېنىڭنى پىدا قىلىۋەتتىڭ» دەيتتىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا زادى جانانغا پىدا قىلمىغان نەرسەممۇ قالدىمۇ؟ يار كويىدا قەلەندەر بولغالى، مەندىن ئۆزگە بىنەۋاسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: يارنىڭ كوچىسىدا قەلەندەر بولۇشقا مەندىن باشقا يوقسۇلى قالدىمۇ؟ يار ھەجرىدە نىيازىي ئۆرتەنىپ، تارتماغان جەبرۇ جەفاسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: يارنىڭ جۇدالىقىدا ئۆرتەنگەن نىيازىينىڭ تارتمىغان جەبىر – جاپاسى يەنە قالدىمۇ؟ چۈشۈرگە: ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋەفاسى قالدىمۇ؟ قىلماغان جانغا جەفاسى قالدىمۇ؟ يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋاپاسى، جانغا سالمىغان جاپاسى يەنە قالدىمۇ؟ ئۈچىنچى داستان ئۈستى قارلىق ئاپئاق تاغلار، ئەھۋالىمىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ دۈشمەنلەرگە بەندە بولۇپ، قالغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يېشىمى: ئۈستى ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەن تاغلار، ئەھۋالىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ دۈشمەنلەرگە قۇل بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ نەزەر ئەيلەڭ كۆز ياشىمغا، ھىچىكىم كەلمەيدۇر قاشىمغا. قامچى ياغىپ بۇ باشىمغا، تۇرغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يېشىمى: كۆز يېشىمغا نەزەر سېلىڭ، ھېچكىم قېشىمغا كەلمەيدۇ؛ بېشىمغا قامچا يېغىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ قىرق يىگىتىم بارچە قالىپ، ئۆزۈمنى مەن غەمگە سالىپ، ئەھمەد بەگنى بىللە ئالىپ، كەلگەنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يېشىمى: قىرىق يىگىتىمنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرۇپ، ئۆزۈمنى غەم – ئەندىشىگە سېلىپ، ئەھمەد بەگنى بىللە ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بەندە بولدۇم، شۇل ئىرادە، قالدىم تۈمەن مىڭ بەلادە. دۈشمەن ئاتلىق، مەن فىيادە، يۈرگەنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يېشىمى: ئاللاھ ئىرادىسى بىلەن قۇل بولۇپ قالدىم، تۈمەنمىڭ بالا – قازاغا يولۇقتۇم؛ دۈشمەن ئاتلىق، مەن پىيادە كېتىۋاتقىنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يۇسۇف بەگ دەر: سيىنەم داغلاپ، ئەرمانىم كۆپ، مۇندا يىغلاپ، ئات ئالدىدا قولۇم باغلاپ، ماڭغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يېشىمى: يۈسۈپ بەگ ئېيتىدۇكى: «يۈرىكىم كاۋاپتەك داغلانماقتا، ئارزۇيۇم كۆپ، ئەمما مەن بۇ يەردە يىغلاپلا يۈرىمەن؛ ئاتلىق دۈشمەننىڭ ئالدىدا، قولۇم باغلاقلىق كېتىۋاتقىنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟» تۆتىنچى داستان فەلەك ئاشۇبىدىن كىم مەن كەبى زارۇ نىزار ئولغاي، جەھان زۇلمى، ئۇلۇس بىدادىدىن بىئىئتىبار ئولغاي. يېشىمى: پەلەكنىڭ غەۋغاسىدىن، جاھاننىڭ زۇلمىدىن، كىشىلەرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن كىممۇ مەندەك خار – زار بولسۇن؟ زىھى ئازادەئىيمەن ئىشق ئارا مەجنۇن ئەمەس ھەمراھ، نە مەندە خانۇمانۇ نە ماڭا يارۇ دىيار ئولغاي. يېشىمى: نېمە دېگەن ئازاد ئادەممەنكى، ئاشىقلىقتا مەجنۇنمۇ ماڭا تەڭلىشەلمەيدۇ، مەندە نە ئۆي – جاي، نە يار، ياكى دىيار بولسۇن؟ جەھان ئەھلىدىن ئەتمەك مۇددەئا مىھرۇ ۋەفا رەسمىن، دەمەكتۇر مىھرى زەھرىدىن ھەياتىم ئۇستۇۋار ئولغاي. يېشىمى: جاھان ئەھلىدىن مېھىر – ۋاپا كۈتۈش، «ھاياتىم مۇھەببەت زەھىرى بىلەن مۇستەھكەملەنسۇن» دېگەنلىكتۇر. فەنا دەشتى سارى تۈشمىش سەبۇرىي، دوستلار زىنھار، دەمەڭكىم ئىختىيار ئەتمىش، ئاڭا نە ئىختىيار ئولغاي. يېشىمى: دوستلار، سەبۇرىينى ھەرگىزمۇ زاھىدلىق چۆلىگە قاراپ مېڭىشنى ئۆزى خاھلاپتۇ، دەپ قالماڭلار، ئۇنىڭدا نەدە ئىختىيارلىق بولسۇنكى! مەشرەب بىرىنچى مەشرەب بىرىنچى ئاھاڭ سەنسىز دەمى ئەي شوخ جەھان، كۆزلەرى جادۇ، ھەر ئاھىم ئەرۈر چەرخى بايابانىدا ئاھۇ. يېشىمى: ئەي جاھاننىڭ شوخى، جادۇ كۆزلۈكۈم، سەنسىز تارتقان ھەربىر ئاھىم پەلەك باياۋانىدىكى كېيىككە ئوخشايدۇ. مەن سەرۋى قەدد ئارزۇسىنى ئەيلەپ چەكەدۇرمەن، قۇمرى نە ئۈچۈن چەككۈسى سەرۋ ئۈستىدە گۇگۇ. يېشىمى: مەنغۇ سەرۋى قامەتكە ئېرىشىش ئارزۇسىدا نالە – پەريات چېكىۋاتىمەن، پاختەك ئۆزى سەرۋى دەرىخىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپمۇ، يەنەن نېمە ئۈچۈن «گۇگۇ – گۇ» دەپ پىغان چېكىدىغاندۇ؟ دانالار ئىلە ئۆتكەرۇ ئۇمرۇڭنى خۇش ئۆتكەر، قىلغۇسى دىماغىڭنى مۇئەتتەر گۇلى خۇشبۇ. يېشىمى: دانالار بىلەن ئۆتىدىغان ئۇمرۈڭنى خوشال ئۆتكۈزگىنكى، خۇشبۇي گۈلنىڭ ھىدى دىمىقىڭنى خۇش بۇي قىلغۇسى. يۈزىنى ئاچىپ، قىلغۇسى يەلدايىنى گۈندۈز، سۇنبۇل ساچار ئافاقغا ئاچسا خەمى گىيسۇ. يېشىمى: ئۇ گۈزەل يۈزىنى ئاچسا، يەلدا كېچىسىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئەگەر چېچىنىڭ تۈگۈچلىرىنى يەشسە، جاھاننى سۇمبۇل ھىدىغا پۈركىيىدۇ. مەشھۇرىي، جەفا بىر – بىرىگە سۇھبەتى ناجىنىس، دەۋزەى ئىچىدە كۆيگۈسى خۇشخۇ ئىلە بەدخۇد. يېشىمى: مەشھۇرىي، نىجىسلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش خۇددى دوزاختا خۇشخۇي بىلەن بەدخۇي بىللە كۆيگەندەك بىر – بىرىگە جاپا سالغانلىقتۇر. ئىككىنچى ئاھاڭ ئەي نۇر دىلودىيدە، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن، ۋاي يارى پىسەندىيدە، دىيارىڭا مۇشتاقمەن. يېشىمى: ئەي كۆڭلۈم ۋە كۆزۈمنىڭ نۇرى، دىدارىڭغا ئىنتىزارمەن، ئەي ئارزۇلۇق يار، دىدارىڭغا تەقەززامەن. ئەي ماھى پەرى پەيكەر، ۋاي ھۇرى مەلەك مەنزەر، ئەي لەئلى لەبى شەكەر، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن. يېشىمى: ئەي پەرى سۈرەتلىك ئاي يۈزلۈكۈم، ئەي مالائىكە سۈپەتلىكىم، ئەي لېۋى شېكەردىن شېرىن يار، دىدارىڭغا ئىنتىزارمەن. ئەي دىلبەرى دىلدارىم، سەنسەن ئەبەدىي جانىم، ۋاي يارى ۋەفادارىم، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن. يېشىمى: ئەي كۆڭۈلنى تارتقۇچى دىلدارىم، سەن مېنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىم، ۋاي، ۋاپادارىم يارىم، دىدارىڭغا ئىنتىزارمەن. ئەي دىلبەرى سىيمىن تەن، سەن جانۇ نەسمىي تەن، ئەي سەرۋى گۇلى گۇلشەن، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن. يېشىمى: ئەي كۆمۈش تەنلىك، ئەي سەرۋى قامەتلىك، گۈلشەندىكى گۈل، نەسىمىينىڭ تېنىگە جان بولغان دىلبەر، دىدارىڭغا ئىنتىزارمەن. ئۈچىنچى ئاھاڭ كىمكى ئول گۈلچىھرەنى ئۆزىگە مېھمان ئەيلەدى، ئۆزىنى ئىسكەندەرۇ جەمشىدى دەۋران ئەيلەدى. يېشىمى: كىمكى ئۇ گۈل چېھرىلىكنى ئۆزىگە مېھمان قىلالىسا، ئۆزىنى دەۋرنىڭ ئىسكەندەرى ۋە جەمشىدى دەپ بىلسە بولىدۇ. تا كەمەندى زۇلف ئىلە كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد، يۈرەكىمنى ئۆرتەدى، باغرىمنى بىرىيان ئەيلەدى. يېشىمى: ئۇ كۆڭلۈم قۇشىنى چېچىنىڭ توزىقىغا ئىلىندۈرۈپ مېنى ئوۋلىۋالغاندىن بېرى، يۈرىكىمنى ئۆرتەپ، باغرىمنى كاۋاپ قىلىۋەتتى. فۇرقەتۇ ھىجرانىغا ئول دىلبەرى سىيمىن بەدەن، كۆزلەرىمنى ياشىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەدى. يېشىمى: ئۇ كۈمۈش تەنلىك دىلبەر پىراق ۋە جۇدالىق ئارقىلىق، ككز يېشىمنى بەدەخشاننىڭ ياقۇتىدەك قانغا ئايلاندۇرىۋەتتى. ئول خۇداۋەندىكى باردۇر خالىقى كەۋنۇ مەكان، تىشلارىنى گەۋھەرۇ لەئلىنى مەرجان ئەيلەدى. يېشىمى: كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ ئۇنىڭ چىشلىرىنى گۆھەردىن، لېۋىنى مارجاندىن قىلىپ يارىتىپتۇ. ئۆزىنى قىلدى جەھاندا تۇرفە بىر شۇھرەتنەما، تا سەنىڭ ۋەسفىڭ قەلەندەر ئەلگە داستان ئەيلەدى. يېشىمى: قەلەندەر سېنى تەرىپلەپ ئەلگە داستان قىلىۋەتكەندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئاجايىپ بىر شۆھرەتنەما (شۆھرەت كۆرسەتكۈچ) بولۇپ قالدى. ئىككىنچى مەشرەپ بىرىنچى ئاھاڭ ۋۇجۇدۇم كاھىنى كۈل قىلدى تابى بەرقى رۇخسارى، ساۋۇرسا دۇدى ئاھىمنى ھەۋايى شۇئلە دىيدارى. يېشىمى: ئۇنىڭ دىدارىنىڭ يالقۇنى ئاھىم تۈتۈنىنى ھاۋاغا سورىغان بولسا، رۇخسارىدىن چاقنىغان چاقماق ئوتى ۋۇجۇدۇم سامىنىنى كۈل قىلدى. ئەگەر شەۋقۇم تەزەرۋى رەنگلەر كۆرگۈزسە تاڭ كۆرمە، كى رەنگىن جىلۋەلەر كۆرگۈزدىكىم تاۋۇس رەفتارى. يېشىمى: ئەگەر ئىشتىياقىمنىڭ قىرغاۋۇلى جىلۋە قىلسا ئەجەبلەنمە، چۈنكى توزمۇ ئۆزىنىڭ چىرايلىق يۈرۈشلىرى بىلەن جىلۋە قىلىدۇ– غۇ. ئەگەر كۆزۈم مەنىڭ گۇل رەنگى بولسا، ھەيرەتى يوقدۇر، سالىپدۇر جىلۋە ئەكسىن گۇلئۇزارى، جامە گۇلنارى. يېشىمى: ئەگەر كۆزۈم گل رەڭگىدە كۆرۈنسە، ئۇنىڭغا ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى كۆزۈمدە گلۈدەك جامالنىڭ، گۈلرەڭلىك كىيمنىڭ ئەكسى جىلۋىلەنگەندۇر. بار ئەسھابى نەزەر سۇرەتكە بولماسلار نەزەر بەندكىم، تاۋۇق باشىدا بار تاجى، چەبىن باشىدا دەستارى. يېشىمى: توخۇنىڭ بېشىدا تاجىسى، چىۋىننىڭ بېشىدا سەللىسى بولىدۇ، لېكىن يىراقنى كۆرەر زاتلار شەكىلگە، تاشقى كۆرۈنۈشكىلا قاراپ ئىش كۆرمەيدۇ. نەۋائىيدىن كەيىن مەشھۇرىي شىئىرىنى ئوقۇماس كىم، بۇ بازار ئىچكى باردۇر ھەر مەتائىغا خەرىدارى. يېشىمى: كىشىلەر نەۋائىينىڭكىدىن كېيىن مەشھۇرىي شېئىرلىرىنى ئوقىماي قالارمۇ؟ بۇ بازاردا ھەر قانداق مالنىڭ ئۆزىگە لايىق خېرىدارى بار – دە. ئىككىنچى ئاھاڭ ئەرزىمنى ئايتاي، شاھىم ئىشىتكىل، مىسكىن گەدامەن، دادىمغا يەتكىل. يېشىمى: شاھىم ئەرزىمنى ئاڭلا، مەندەك مىسكىن گاداينىڭ دادىغە يەت. قىلساڭ يىراقراق مۇندا ئۆزۈڭدىن، ۋەسلىڭ سارىغا ئاندا ياۋۇتكىل. يېشىمى: بۇرۇندا ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇرغان بولساڭمۇ، ئەمدى ۋەسلىڭگە يېقىنلاشتۇر. سەندىن ئايىرغان دۇنيايى مەككار، كۆڭلۈمنى ئاندىن ئەمدى ساۋۇتكىل. يېشىمى: مەككار دۇنيا مېنى سەندىن ئايرىۋەتكەنىدى، شۇڭا ئەمدى ئۇنىڭدىن كۆڭلۈمنى سۇغۇتقىن. سەندىن بۆلەكنى ھەرگىز دەمەسمەن، ۋەللاھۇ، بىللاھ سۆزۈمگە بىتكىل. يېشىمى: سەندىن ئۆزگىنى ھەرگىز سۆيمەيمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سۆزۈمگە ئىشەنگىن. مېھمانىڭ ئولدى بۇ تۈن ھۇۋەيدا، كۆڭلىنى ئاۋلاپ ياخشى كۈزەتكىل. يېشىمى: بۇ كېچە ھۇۋەيدا سېنىڭ مېھمىنىڭ بولدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ، ياخشى كۈتۈۋالغىن. 8– مۇقام ئۇششاق مۇقامى تېكسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 202 مىسرا، تۆرت داستان 62 مىسرا، ئىككى مەشرەپ 48 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 312 مىسرا شېئىردىن تەشكىل تاپقان. يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...