مەخمۇت سۇلايمان

مەخمۇت سۇلايمان
                            مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ  قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تەربىيەسى بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئكتتەك قىزغىنلىقى ئۇنى مۇزىكا ئىشلەشكە ئېلىپ باردى، 15 يېشىدىلا مۇزىكا ئىجاد قىلىپ ئوقۇتقۇچى ۋە مۇزىكا ساھەسىدە ئىزچىللىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.
مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 1981- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ، 1985- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﭺ، ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ.
1989- ﻳﯩﻠﻰ ئۆمەكتىكى غالىپ رېھىم، غېنى سەلەي قاتارلىق كەسىپداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بىللە دىيارىمىزدىكى تۇنجى زامانىۋىي مۇزىكا ئەترىتى - «ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ» ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭۇپ مۇزىكا ساھەسىدىكى يۈزلىنىشنىڭ يۇقىرى پەردىسىنى ئاچتى. ئىجادىيەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ئورۇنداشتا شۇ دەۋىردىكى يېڭىلىققا ۋە ئىلغار سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «رىۋايەت»نىڭ ئويۇن قويۇپ شىنجاڭدا بارمىغان يېرى قالمىدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق كۈيلىرىدىن سېھىرلەنگەن زوقمەنلەر ۋە سەنئەت شەيدالىرى ھەر ئويۇندا ئۇنىڭ قۇچىقىنى گۈللەرگە تولدۇردى. 1990- ﻳﯩﻠﻰ نەشىردىن چىققان «ﺳﺎﻻﻡ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ»، 93- ﻳﯩﻠﻰ نەشىردىن چىققان «يۇلتۇزۇم»، «ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺩﯦﺪﯨﻢ»، 96- ﻳﯩﻠﻰ نەشىردىن چىققان «سېنى دېدىم» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ قاپلىق ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﻠﯩﺮى پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ناخشىلىرى كەڭ كۆلەمدە مودا بولۇپ، «مەھمۇت سۇلايمان قىزغىنلىقى» پەيدا قىلدى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز ئىجادىيەتلىرى بىلەن تولغان بۇ لېنتىلاردىكى ناخشىلار ئىجادىيەت، مۇزىكا ۋە ئورۇنداش جەھەتلەردىن بولسۇن، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدكى ۋەكىللىك ئەسەرلەردىن بولۇپ قالدى. «تىلەك»، «سالام دوستلار»، «كېچە»، «رىۋايەت»، «قارا دەيدۇ»، «گۈزەل»، «ئالدانغان سۆيگۈ» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ناخشىلىرى پۈتۈن شىنجاڭدا ياڭراپ، چولپانلىق سېھرى كۈچىنى تارىتىۋاتقان مەھمۇت بۇ كۈنلەردىمۇ شۆھرەت ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى. لېنتا سودىگەرلىرىنىڭ قايتا-قايتا زاكاسلىرىمۇ ئۇنى تەۋرىتەلمىدى. ئۇ يەنىلا تېخىمۇ ئېسىل ئىجاد قىلىشنى، ناخشا-مۇزىكا شەيدالىرىنى بىر-بىرىدىن سەرخىل ناخشا-مۇزىكا بىلەن تارتۇقلاشنى ئويلايتتى. بۇ ئىستەك ئۇنى دائىم تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىزدىنىشكە، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئۈندەيتتى.
ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ تەرققىي قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىستىكىدە، 1997- ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﺎﭘﺘوﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ كەلدى. قىيىنچىلىق ۋە ئىزدىنىشنىڭ يېڭى سەپىرى باشلىنىپ كەتتى. ئۈرۈمچىدىكى تۇرمۇش، ئۆمەك خىزمىتى، ئەڭ مۇھىمى خەلق ۋە كەسىپ ئالدىدىكى ئۆزىگە قويغان تەلىپى چوڭقۇر ئىزتىراپلارغا مۇپتىلا قىلدى. ئۈرۈمچىدىكى ھاياتنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا، چولپانلىقنىڭ ئىزىقتۇرۇشلىرىدا، سەنئەت بازىرىنىڭ چاپ-چاپلىرىدا يەنىلا ئۆز ئىرادىسىدىن تىيىپ كەتمىدى. باش چۆكۈرۈپ ئىزدەندى. «ئاز بولسىمۇ ساز»لىقتا چىڭ تۇردى. بۇ كۈنلەردە خېلى كۆپ ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، ئالدىراپ ئاشكارا قىلمىدى، تاۋلىدى. VCD پلاستىنكىلىرى چىقىرىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن ئاشۇ مەزگىللەردە پلاستىنكا چىقىرىشقا قوشۇلسىلا، ئۇنى نۇرغۇن ئىقتىساد ۋە شۆھرەت كۈتۈپ تۇرغانىدى. يەنە شۇ سالماقلىقى بىلەن بۇ ئەۋزەل پۇرسەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشىگە قاراپ تۇرىۋەردى. «سالام خەلقىم» قاتارلىق بىرقانچە ناخشىنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئورۇندىغاندىن باشقا، يەنە ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى. بىر قەدەر چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تۇتۇندى. باشقىلارغا ئەسەر بەردى. ئىجاد قىلغىنى كۆپ، ئۆزى ئېيتقىنى ئاز بولدى.
تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كىنو ئىشلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن مەزگىللەردە، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئورۇنداشتا ئۆز خاسلىقى ۋە پۇرىقى بىلەن ئالدىدا ئىزچىل ماڭغىنى يەنىلا شۇ مەخمۇت سۇلايمان بولۇپ قالدى. «بۇ چۈش ئەمەس» كە ئىشلىگەن مۇزىكىسى، بولۇپمۇ «تەنھا كىيىك» دېگەن ناخشىسى بۇ ساھەنى يەنە بىر قېتىم تىترىتىۋەتتى. كەينى-كەينىدىن «سەرسان روھ»، «قاراڭغۇ تاغ»، «ئازابلىق لەززەت»، «سەھرادىكى مۇڭلۇق كۈي»، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «بۇ چۈش ئەمەس» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئون نەچچە ﻛﯩﻨﻮ ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ناخشىسىنى ئورۇنداپ بۇ ساھەدىكى بايراقدارلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
بۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق بىركمە چالغۇدا مۇزىكا ئىشلەۋاتقان ۋە ئاككوردلاشتۇرىۋاتقان، ئىجادىيىتى تازا دەۋر سۈرۈۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. قۇرداش ناخشىچىلار، ھەتتا ھەۋەسكارلارمۇ VCD پلاستىنكىلىرىنى ھە دەپ چىقىرىۋاتقان ئىدى. لېكىن ئۇ يەنىلا تەۋرەيدىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ ئويلىغىنى بار ئىدى. ئۇزاق تەييارلىقتىن كېيىن 2006- يىلىغا كەلگەندە «سېغىنمىدىڭمۇ» ناملىق پلاستىنكىنى CD ۋە DVD قىلىپ تارقاتتى. كۈتكىنىمىزدەك بۇ پلاستىنكىدىكى ناخشىلار شۇنچە ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي، قىسمەن كونا ناخشىلىرىنىمۇ باشقىچە ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان ئىدى. بۇ پلاستىنكىمۇ ئۇنى ئۇزاقتىن بۇيان سېغىنغان زوقمەنلىرى ۋە سەنئەت شەيدالىرىغا كاتتا سوۋغات بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىم كېچىلىكلەردە ئۇىڭ ئىجادىيەت ۋە ناخشىلىرى ئالاھىدە يالىلداپ تۇراتتى. دەل مۇشۇ كۈنلەر ئۇنىڭ تېخىمۇ چاقناپ، چولپانلىقنىڭ ھوززۇرىنى سۈرىدىغان، پۇلنىمۇ ئوبدانلا تاپىدىغان ۋاقىتلىرى ئىدى. لېكىن «سەنئەتچى بولۇش باشقا، سەنئەتكار بولۇش باشقا» دېگەن ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچمىگەن مۆھتەرەم ئۇستاز يەنىمۇ بىلىمىنى تاكامۇللاشتۇرماقتا ئىدى.  2005- ﻳﯩﻠﻰ، ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯘﻧﯟېرىستىتىغا ئوقۇدى.
بۇ مۆھتەرەم ھۆرمەتلىك ئۇستاز مەھمۇت سۇلايمان 2014-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە بۇغرا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «چىن گۈزەل يىپەك يولى ساداسى پروگراممىسى»نىڭ ئۇستازلىقىغا ھۆرمەت بىلەن تەكلىپ قىلىنىپ، دىيارىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 32 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى يىتەكلەپ، سىستىمىلىق تەربىيلەپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بەردى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندىم 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كىچىدە، 52 يېشىدا يۈرەك كىسىلى سەۋەپلىك خەلقىمىزدىن ئايرىلىپ، كۆڭلىدىكى بارچە قايغۇ-ھەسرەت ۋە دەرت-ئەلەملىرىنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتتى.
مەخمۇت سۇلايمان 1985- يىلىدىن باشلاپ 500 دىن ئارتۇق ناخشا-مۇزىكا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە سىمفونىك ئەسەرلەرنى يازغان ھەم ئورۇنلىغان. مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى كونسرىتلارغا قاتنىشىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەخمۇت سۇلايمان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، داڭلىق ناخشىچى، كومپوزىتور، يېڭى زامان ھەممەباب ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ باشلامچى سەركەردىسى.
                    

مەخمۇت سۇلايمان پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار
ناخشا ئىسمى ئاڭلاش رەسىمى تەۋە ئالبۇم ئاۋاتلىقى
سالام دوستلار سالام دوستلار پلاستىنكا سالام دوستلار 3650
كېچە كېچە پلاستىنكا سالام دوستلار 921
ئانام سەن ئانام سەن پلاستىنكا سالام دوستلار 1443
سۆيگىنىمگە سۆيگىنىمگە پلاستىنكا سالام دوستلار 952
قەسىدە قەسىدە پلاستىنكا سالام دوستلار 1384
كەل يارىم كەل يارىم پلاستىنكا سالام دوستلار 1134
قايدىسەن قايدىسەن پلاستىنكا سالام دوستلار 1019
سېنى ئويلايمەن سېنى ئويلايمەن پلاستىنكا سالام دوستلار 982
ئاشىق ئاشىق پلاستىنكا سالام دوستلار 970
ئالدانغان سۆيگۈ ئالدانغان سۆيگۈ پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 1434
ئۆرلە ۋەتەن ئۆرلە ۋەتەن پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 1746
گۈزەل گۈزەل پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 857
كەلسەڭچۇ كەلسەڭچۇ پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 1200
بۇ كېچە بۇ كېچە پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 890
قارا دەيدۇ قارا دەيدۇ پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 2469
سۆيگۈ رىشتى سۆيگۈ رىشتى پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 1368
يۇلتۇزۇم يۇلتۇزۇم پلاستىنكا يۇلتۇزۇم 983
ياشىسامكەن بەش يۈز يىل يەنە ياشىسامكەن بەش يۈز يىل يەنە پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1602
نورۇز گۈلى نورۇز گۈلى پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 908
مېھىر قالۇر مېھىر قالۇر پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1013
دىلارە دىلارە پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1049
ساتارىم ساتارىم پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1104
چىرايلىق چىرايلىق پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1171
مەيلىمۇ مەيلىمۇ پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 2212
بۇ چۈش ئەمەس (تەنھا كېيىك) بۇ چۈش ئەمەس (تەنھا كېيىك) پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 2332
يار كەلگۈچە يار كەلگۈچە پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1000
نورۇز مەشرىپى نورۇز مەشرىپى پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1304
ئالدانغان سۆيگۈ ئالدانغان سۆيگۈ پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 821
كۆكلەم ساداسى كۆكلەم ساداسى پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 829
ھەيرانىمەن ھەيرانىمەن پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 897
مىزانگۈل مىزانگۈل پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 864
دادا دادا پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1480
مىرەن مىرەن پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 926
كەچۈر كەچۈر پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 872
گۈزەل گۈزەل پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 820
ئەركەك ئەركەك پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1737
سېغىنمىدىڭمۇ سېغىنمىدىڭمۇ پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1020
رىۋايەت رىۋايەت پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1083
تەشنا يۈرەك تەشنا يۈرەك پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1160
ئەركەك بولماق تەس ئەركەك بولماق تەس پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 1202
مەجنۇنتال مەجنۇنتال پلاستىنكا مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما 895