كەل يارىم
مەخمۇت سۇلايمان

كەل يارىم

پلاستىنكا: سالام دوستلار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1989

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 432
كەل يارىم - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
كەل يارىما يايرايمىز,
چۆل دەريالار بويلايمىز.
كەل يارىما يايرايمىز،
چۆل دەريالار بويلايمىز.
بۇلبۇللاردەك شوخ سايراپ،
ناخشا-قوشاق توۋلايمىز.
بۇلبۇللاردەك شوخ سايراپ،
ناخشا-قوشاق توۋلايمىز.

خۇمار كۆز خۇمار كۆز خۇمار كۆزلۈكۈم يارىم،
بۇلبۇل سۆز بۇلبۇل سۆز بۇلبۇل سۆزلۈكۈم جانىم.
خۇمار كۆز يارىم بۇلبۇل سۆز جانىم خۇمار كۆزلۈكۈم جانىم.

ئوماق يارىم قېشىمدا خۇمار كۆزلۈك يانىمدا،
ئوماق يارىم قېشىمدا خۇمار كۆزلۈك يانىمدا.
مەن كۈيلەيمەن جاناننى جاراڭلىتىپ سازىمدا،
مەن كۈيلەيمەن جاناننى جاراڭلىتىپ سازىمدا،
خۇمار كۆز خۇمار كۆز خۇمار كۆزلۈكۈم يارىم.
بۇلبۇل سۆز بۇلبۇل سۆز بۇلبۇل سۆزلۈكۈم جانىم،
خۇمار كۆز يارىم بۇلبۇل سۆزلۈكۈم جانىم خۇمار كۆزلۈكۈم جانىم.
خۇمار كۆز يارىم بۇلبۇل سۆزلۈكۈم جانىم خۇمار كۆزلۈكۈم جانىم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...