
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
نورۇز مەشرىپى
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
422

نورۇز مەشرىپى - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
قاردا قارلىق تاشلىدۇق، سىز بولۇڭ سەگەك، نەۋرۇزدا مەشرەپ باشلىدۇق، ئوتتۇز ئەركەك. يولىڭىزغا بىز تەشنا، ئۇخلىمايمىز بىز ئەسلا، بۇنداق گۈزەل سەينا بىزگە بولسۇن تۈنەك. يولىڭىزغا بىز تەشنا ئۇخلىمايمىز، بىز ئەسلا، بۇنداق گۈزەل سەينا بىزگە بولسۇن تۈنەك. ئاق چېچەك، ئاپئاق چېچەك، بىز باغدا ئۆسكەن گۈل چېچەك. سىز تاغدا ئۆسكەن گۈل چېچەك، بىزدىن سىزگە نە كېرەك؟ سىزدەك گۈزەل قىز كېرەك. شۇڭا بۇنداق بەزمىدە سىز ئويناڭ زېرەك، لاۋۇلدىسۇن سۆيگۈدە بۇ ئوتلۇق يۈرەك. شۇڭا بۇنداق بەزمىدە، سىز ئويناڭ زېرەك، لاۋۇلدىسۇن سۆيگۈدە بۇ ئوتلۇق يۈرەك. بىز ئوينايمىز ئۆرگۈلۈپ سىز ئوينايسىز چۆرگۈلۈپ، خۇشال خۇرام كۈنلەر بىزگە دائىم كېرەك. بىز ئوينايمىز ئۆرگۈلۈپ سىز ئوينايسىز چۆرگۈلۈپ، خۇشال خۇرام كۈنلەر بىزگە دائىم كېرەك. ئاق چېچەك، ئاپئاق چېچەك، بىز باغدا ئۆسكەن گۈل-چېچەك. سىز تاغدا ئۆسكەن گۈل-چېچەك، بىزدىن سىزگە نە كېرەك؟ سىزدەك گۈزەل قىز كېرەك دادەي. قاردا قارلىق تاشلىدۇق، سىز بولۇڭ سەگەك، نەۋرۇزدا مەشرەپ باشلىدۇق، مانا ئوتتۇز ئەركەك. بىز ئوينايمىز ئۆرگۈلۈپ سىز ئوينايسىز چۆرگۈلۈپ، بۇنداق گۈزەل سەينا بىزگە دائىم كېرەك. شۇڭا بۇنداق بەزمىدە سىز ئويناڭ زېرەك، لاۋۇلدىسۇن سۆيگۈدە بۇ ئوتلۇق يۈرەك. بىز ئوينايمىز ئۆرگۈلۈپ سىز ئوينايسىز چۆرگۈلۈپ، خۇشال خۇرام كۈنلەر بىزگە دائىم كېرەك. بىز ئوينايمىز ئۆرگۈلۈپ سىز ئوينايسىز چۆرگۈلۈپ، خۇشال خۇرام كۈنلەر بىزگە دائىم كېرەك. ئاق چېچەك، ئاپئاق چېچەك، بىز باغدا ئۆسكەن گۈل-چېچەك. سىز تاغدا ئۆسكەن گۈل-چېچەك، بىزدىن سىزگە نە كېرەك؟ سىزدەك گۈزەل قىز كېرەك دادەي. بىز باغدا ئۆسكەن گۈل-چېچەك، سىز باغدا ئۆسكەن گۈل-چېچەك. بىزدىن سىزگە نە كېرەك؟ سىزدەك گۈزەل قىز كېرەك دادەي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...