
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
ئانام سەن
پلاستىنكا: سالام دوستلار
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1989
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
523

ئانام سەن - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان، رۇستەم غايىپ مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
دۇنياغا كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان، ئاق سۈتىگە مېھرى قوشۇپ ئىچۈرگەن. دۇنياغا كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان، ئاق سۈتىگە مېھرى قوشۇپ ئىچۈرگەن. بالام سەن دەپ بارۇ-يوقىنى بەرگەن، ئانامسەن تۈگىمەس داستانىمسەن. بالام سەن دەپ بارۇ-يوقىنى بەرگەن، ئانامسەن تۈگىمەس داستانىمسەن. يىغلىسام كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلگەن، كۈلسەم كۈلگىنىمگە گۈل كۆتۈرگەن. يىغلىسام كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلگەن، كۈلسەم كۈلگىنىمگە گۈل كۆتۈرگەن. گۇناھىمنى ئەڭ بىرىنچى كەچۈرگەن، ئانامسەن تۈگىمەس داستانىمسەن. گۇناھىمنى ئەڭ بىرىنچى كەچۈرگەن، ئانامسەن تۈگىمەس داستانىمسەن. ئانامسەن تۈگىمەس داستانىمسەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...