
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
دىلارە
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
365

دىلارە - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
قاچۇرمىغىن كۆزلىرىڭنى كۆزۈمدىن، مەجنۇنتالدەك چاچلىرىڭنى قولۇمدىن. مەجنۇنتالدەك چاچلىرىڭنى قولۇمدىن. ئېيتالمىغان سۆزۈم تولا ئۇزۇندىن، كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە. ئېيتالمىغان سۆزۈم تولا ئۇزۇندىن، كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە. ھەر ئاخشىمى مەھەللەڭدىن كېتەلمەي، ئاۋارىمەن ۋىسالىڭغا يېتەلمەي. ياكى ساڭا سۆيگۈم ئىزھار ئېتەلمەي، كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە. ساڭا بولغان مېھرىمدىن ھېچ كېچەلمەي، كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە. كۈتەرمەن ھەر پەسلى كەلگەندە باھار، پەقەتلا سىنىڭدىن ئىزدەيمەن دىدار. تەلمۈرۈپ ھەر زامان يولۇڭغا نىگار، كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە. كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە. كۆيدۈم ساڭا ئۇيغۇر قىزى دىلارە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...