نورۇز گۈلى
مەخمۇت سۇلايمان

نورۇز گۈلى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 318
نورۇز گۈلى - ھەققىدە:
سۆزى: چىمەنگۈل ئاۋۇت
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: نۇرمەمەت ھەسەن 
چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈملىرى، تال-تال بولسۇن مەن ئۈچۈن،
قاشلىرىڭنىڭ ئەگىملىرى، ھېلال بولسۇن مەن ئۈچۈن.
كىرپىكىڭدىن قانات ياساپ، پەرۋاز قىلىپ ئۇچاي راسا،
ئاسمىنىڭمۇ تاغنىڭ سۈيىدەك، زىلال بولسۇن مەن ئۈچۈن.
كىرپىكىڭدىن قانات ياساپ، پەرۋاز قىلىپ ئۇچاي راسا،
ئاسمىنىڭمۇ تاغنىڭ سۈيىدەك، زىلال بولسۇن مەن ئۈچۈن.
♬....
باغىمدىكى گۈللەرگە، ياشىم بىلەن سۇ سىپەي،
ئاسماندىكى كەپتەرگە، يۈرەكىمنى دان ئىتەي.
سالقىن شامال ئېلىپ كەلگەن، ھېدلىرىڭنى بەرگىن ماڭا،
ساڭا ئاشىق يوللىرىمغا، ئۈمىدىمنى جان ئىتەي.
سالقىن شامال ئېلىپ كەلگەن، ھېدلىرىڭنى بەرگىن ماڭا،
ساڭا ئاشىق يوللىرىمغا، ئۈمىدىمنى جان ئىتەي.
ساڭا ئاشىق يوللىرىمغا، ئۈمىدىمنى جان ئىتەي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...