تۇنجى قار
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

تۇنجى قار

پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 319
تۇنجى قار - ھەققىدە:
سۆزى: سەنۇبەر ئابدۇراخمان
مۇزىكىسى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 
تۇنجى قاردا ئۇچراتتىم سىنى،
ئاپپاق چىمەن ئۈستىدە تامان.
تۇنجى قاردا ئۇچراتتىم سىنى،
ئاپپاق چىمەن ئۈستىدە تامان.
يۈرەكلىرىم سوقتى سەن ئۈچۈن،
ۋە لىكىن پەرۋاسىز سەن ھامان.
يۈرەكلىرىم سوقتى سەن ئۈچۈن،
ۋە لىكىن پەرۋاسىز سەن ھامان.

♬♬♬♬♬

ھەمراھ قىلىپ كۆزلىرىمگە ياش،
قاراپ قالدىم كەينىڭدىن ئۇزاق.
ھەمراھ قىلىپ كۆزلىرىمگە ياش،
قاراپ قالدىم كەينىڭدىن ئۇزاق.
سۆيۈپ سىنى كۈلۈپ باقمىدىم،
يۈرەكىم شاتلىقتىن بەك يىراق.
سۆيۈپ سىنى كۈلۈپ باقمىدىم،
يۈرەكىم شاتلىقتىن بەك يىراق.

♬♬♬♬♬

ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ سىنى؟
راست سۆزۈڭنى ئېيتقىنا قېنى؟
ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ سىنى؟
راست سۆزۈڭنى ئېيتقىنا قېنى؟

♬♬♬♬♬

ھىجرانىمغا بەرگىن خاتىمە،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن سەن مىنى.
ھىجرانىمغا بەرگىن خاتىمە،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن سەن مىنى.
ھىجرانىمغا بەرگىن خاتىمە،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن سەن مىنى.
ھىجرانىمغا بەرگىن خاتىمە،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن سەن مىنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...