سېغىندىم ۋەتەن
مۆمىنجان ئابلىكىم

سېغىندىم ۋەتەن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018

مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە:
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئا ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1397
سېغىندىم ۋەتەن - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
كۆزلىرىم نەملىنەر گاھى پىراقتىن،
بىر ئۇيغۇر كۆرۈنسە يىراق-يىراقتىن.
كۆزلىرىم نەملىنەر گاھى پىراقتىن،
بىر ئۇيغۇر كۆرۈنسە يىراق-يىراقتىن.
سېغىنىش دېڭىزى تاشار قىرغاقتىن،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ۋەتەن.
سېغىنىش دېڭىزى تاشار قىرغاقتىن،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ۋەتەن.

خىياللار ھەرزامان كېتەر سەن تامان،
ئەڭ گۈزەل رۇيادا ئۆزۈڭ بار ھامان.
خىياللار ھەرزامان كېتەر سەن تامان،
ئەڭ گۈزەل چۈشلەردە ئۆزۈڭ بار ھامان.
باغرىڭغا كۆمۈلمەك ئەڭ گۈزەل ئارمان،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ۋەتەن.
باغرىڭغا كۆمۈلمەك ئەڭ گۈزەل ئارمان،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ۋەتەن.

قۇشلارغا قارايمەن نېمىدۇر ئىزدەپ،
ۋەتەننىڭ ئاسمىنىدىن ئۆتتىمىكىن دەپ.
قۇشلارغا قارايمەن نېمىدۇر ئىزدەپ،
ۋەتەننىڭ ئاسمىنىدىن ئۆتتىمىكىن دەپ.
دىللارغا تۇتىيا ھەر تاش ھەر گىياھ،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ۋەتەن.
دىللارغا تۇتىيا ھەر تاش ھەر گىياھ،
مەن سېنى شۇ قەدەر سېغىندىم ۋەتەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...