ئالما ئانارىڭ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئالما ئانارىڭ

پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 410
ئالما ئانارىڭ - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق 
يارنىڭ مەھەللىسى باغلىق
بەرگەن سوۋغىسى ياغلىق
بەرگەن سوۋغىسى ياغلىق
ئەقىدەمنى دېمىسەم
تۇرغان ۋەدىسى چاغلىق
ئالما-ئانارىڭ قەندەكمۇ
سۆيگەن يارىڭ مەندەكمۇ
… مۇزىكا …
چىلان باغقا كىرمەڭلار
چىلان باغدا يىلان بار
چىلان باغدا يىلان بار
مەن يارنى دېگەن بىلەن
يارنىڭ كۆڭلىدە كىم بار
ئالما-ئانارىڭ قەندەكمۇ
سۆيگەن يارىڭ مەندەكمۇ
… مۇزىكا …
مەن بېغىڭغا كىرمەيمەن
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن
ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە
نادان بىلەن يۈرمەيمەن
ئالما-ئانارىڭ قەندەكمۇ
سۆيگەن يارىڭ مەندەكمۇ
ئالما-ئانارىڭ قەندەكمۇ
سۆيگەن يارىڭ مەندەكمۇ
… مۇزىكا …
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...