سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
چىن ئىنسان
پلاستىنكا: ئاشىق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
535
چىن ئىنسان - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم مۇزىكىسى: مەمتىمىن مامۇت مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ» ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «ساراڭ» ناملىق كىنونىڭ ناخشىسى.
بۇ دۇنيادا راستچىل ئىنسان بولۇش بەك قېيىن، ھەقنى سۆزلەپ ئاقنى قارا دىمەيدىغان. نى رىيازەت كەلگەندىمۇ ئويناتماي نەيرەڭ، ھەممە جايدا دائىم دوستىنى ئويلايدىغان. نى رىيازەت كەلگەندىمۇ ئويناتماي نەيرەڭ، ھەممە جايدا دائىم دوستىنى ئويلايدىغان. چۈشەن ئىنسان دەرتكە مۇھتاج ئەمەس، ئەمما تۇرمۇش-قىسمەت قېينار ھەر قاچان. چۈشەن ئىنسان دەرتكە مۇھتاج ئەمەس، ئەمما تۇرمۇش-قىسمەت قېينار ھەر قاچان. مەنزىل كۆزلەپ نى ئىستەكتە ماڭساڭمۇ يېراق، توسار لىكىن ئالدىڭنى دەريا تاغ-داۋان. مەنزىل كۆزلەپ نى ئىستەكتە ماڭساڭمۇ يېراق، توسار لىكىن ئالدىڭنى دەريا تاغ-داۋان. گۈلمۇ توزار، ياشلىق كېتەر، كېتەر ھەممىسى، قالار پەقەت دىلدا يانغان ئارزۇ-ئارمانلار. بولسىمۇ كۆپ بۇ ھاياتتا كۈلكىدىن يىغا، پاك ساقلا ۋىجدانىڭنى، چۈشمىسۇن داغلار. بولسىمۇ كۆپ بۇ ھاياتتا كۈلكىدىن يىغا، پاك ساقلا ۋىجدانىڭنى، چۈشمىسۇن داغلار. پاك ساقلا ۋىجدانىڭنى، چۈشمىسۇن داغلار.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...