
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ۋاپادارىم
پلاستىنكا: ۋاپادارىم
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
588

ۋاپادارىم - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم مۇزىكىسى: نامەلۇم
سېنى بىراۋ گۈلۈم سەن دېسە ئالدىرىما تارتسا قوينىغا ئۇنتۇمىغىن سېنى ئاي دېسە كۈن ئالمىشار ئاينىڭ ئورنىغا . ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم يوللىرىڭدا دائىم كۆزۈم ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم ساڭا ھەمراھ بولسۇن سۆزۈم ♩ ♩ ♩ سېنى بىراۋ ئاپتىپىم دېسە ئالدانمىغىن كۆتۈرگىن باشنى يەنە كېلەر ئۆتكەن شۇ ئاخشام ئاي ئېگەللەر ئورنىنى قۇياشنىڭ ♩ ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم يوللىرىڭدا دائىم كۆزۈم ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم ساڭا ھەمراھ بولسۇن سۆزۈم ♩ ♩ ♩ مەيلى بولغىن كىمنىڭ زۆھرەسى مەيلى بولغىن سۆيگۈ رەناسى مەيلى بولغىن كىمنىڭ زۆھرەسى مەيلى بولغىن سۆيگۈ رەناسى سەن ئەگەر ياتنىڭ سۆزىگە بىلكى شۇلدۇر بەختىڭ قاراسى ♩ ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم يوللىرىڭدا دائىم كۆزۈم ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم ساڭا ھەمراھ بولسۇن سۆزۈم ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم يوللىرىڭدا دائىم كۆزۈم ۋاپادارىم، گۈزەل يارىم ساڭا ھەمراھ بولسۇن سۆزۈم ♩ ♩ ♩ —— 『ئابدۇللا سىتۇدىيەسى』
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...