
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئامان بولسۇن
پلاستىنكا: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
31

ئامان بولسۇن - ھەققىدە:
سۆزى: جاسارەت جاپپار مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختار
سەپەرگە ئات سېلىپ ماڭغان ئامان بولسۇن، سەپەرگە ئات سېلىپ ماڭغان ئامان بولسۇن، ئاۋامنى قەلبىگە تاڭغان ئامان بولسۇن. ئاۋامنى قەلبىگە تاڭغان ئامان بولسۇن. كۆيۈپ چۆلدە لىۋى چاك-چاك گىياھلارغا، سۈزۈك يامغۇر بولۇپ تامغان ئامان بولسۇن. سۈزۈك يامغۇر بولۇپ تامغان ئامان بولسۇن. ♩♩♩ توسۇپ يولنى خىرىس قىلسا ئەگەر دۈشمەن، ئۇنى يەڭگەن، قولى بازغان ئامان بولسۇن. ئۇچارئات مىسلى ئوقيادەك بۇلۇت پەستە، دىلىدا نۇرلىنار ئاسمان ئامان بولسۇن. ئۇچارئات مىسلى ئوقيادەك بۇلۇتلار پەستە، دىلىدا نۇرلىنار ئاسمان ئامان بولسۇن. ♩♩♩ كېزەر مەيىن شامال تاڭنى سۆيۈپ ھەردەم، تىزىلغان يىپقا ھەر مارجان ئامان بولسۇن. ئۈنۈپ چىققان ئىزىدىن گۈل قىزىل چوغلۇق، بىلىنى يەشمىگەن پالۋان ئامان بولسۇن. ئەي ئامان بولسۇن ♩♩♩
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...