يار دەردى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

يار دەردى

پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 744
يار دەردى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق 
چېچىڭنى ھەريانغا تاشلاپ،
ئۆتىسەن كۆزۈمنى ياشلاپ.
چېچىڭنى ھەريانغا تاشلاپ،
ئۆتىسەن كۆزۈمنى ياشلاپ.
ماڭا بولۇپ بىپەرۋا،
كېتىسەن ئوتۇڭغا تاشلاپ.
ماڭا بولۇپ بىپەرۋا،
كېتىسەن ئوتۇڭغا تاشلاپ.
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.

يار دەپ نەچچە يىللار يۈردۈم،
شېرىن خىياللارىڭ سۈردۈم.
يار دەپ نەچچە يىللار يۈردۈم،
شېرىن خىياللارىڭ سۈردۈم.
دېسەم يۈزۈڭدە خال كۆردۈم،
كېتىسەن ئوتۇڭغا تاشلاپ.
دېسەم يۈزۈڭدە خال كۆردۈم،
كېتىسەن ئوتۇڭغا تاشلاپ.
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.

كۆڭۈلگە ئازار قىلىسەن،
جامالىڭغا زار قىلىسەن.
كۆڭۈلگە ئازار قىلىسەن،
جامالىڭغا زار قىلىسەن.
مېنى ئۈمىدۋار قىلىسەن،
يەنە كېتىسەن مېنى تاشلاپ.
مېنى ئۈمىدۋار قىلىسەن،
يەنە كېتىسەن مېنى تاشلاپ.
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
يار يارەي، يار يارە بولدىغۇ دىلىم پارە،
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.
دىدارىڭنى سېغىنسام كۆرۈنمەيسەن دىلدارە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...