سىزنى ئەسلىدىم
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

سىزنى ئەسلىدىم

پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 605
سىزنى ئەسلىدىم - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مۇزىكىسى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 
ئاسىنىمدا ئاي تۇرۇپ،
يۇلتۇز سۈرلۈك چاقنىسا،
باغ سەيلىگە چىللىسا،
جانىم سىزنى ئەسلىدىم.

ئاسىنىمدا ئاي تۇرۇپ،
يۇلتۇز سۈرلۈك چاقنىسا،
باغ سەيلىگە چىللىسا،
جانىم سىزنى ئەسلىدىم.

غۇنچە ئېچىپ يۇزىنى،
بۇلبۇل ناۋا ئەتكەندە،
جانغا ئارام يەتكەندە،
جانىم سىزنى ئەسلىدىم.

غۇنچە ئېچىپ يۇزىنى،
بۇلبۇل ناۋا ئەتكەندە،
جانغا ئارام يەتكەندە،
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.
♬♬♬♬♬
ئايدىن يورۇق يۇزىڭىز،
تۇندىن قارا كۆزىڭىز،
ئەقلىم ئالغان بۇ كىچىلەر،
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.

ئايدىن يورۇق يۇزىڭىز،
تۇندىن قارا كۆزىڭىز،
ئەقلىم ئالغان بۇ كىچىلەر،
يەنە سىزنى ئەسلىدىم

مەيىن كەلدى شاماللار،
تاغدەك باستى خىياللار،
مەيلى بارىم ئۇنۇتتۇم،
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.

مەيلى بارىم ئۇنۇتتۇم،
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.
يەنە سىزنى ئەسلىدىم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...