ئۇنىتالمايمەن
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئۇنىتالمايمەن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 305
ئۇنىتالمايمەن - ھەققىدە:
شېئىرى: مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 
سەن كۈلگەندە كۈلەر گۈل-گىياھ،
سايرىشىدۇ مىڭ بۇلبۇل گويا.
ئۇلغىيىدۇ تېخىمۇ دەريا،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنىتالمايمەن.

نەۋ باھاردا كېلەر ھىدلىرىڭ،
خىيالىمدا قىيا قاراشلىرىڭ.
دىلدا يانغان بىر قۇياش سۆيگۈ،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنىتالمايمەن.

يىراقلاردىن يانىدۇ گۈلخان،
ئۇزۇن كېچە قىينايدۇ ھىجران.
سۈبھى دەمدە كۈلىدۇ چولپان،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنىتالمايمەن.

ساڭا ھېچ بىر ئازار يەتمىسۇن،
چېھرىڭدىن شوخ كۈلكىلەر كەتمىسۇن.
بۇ مۇھەببەت يانسۇن ئۆچمىسۇن،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنىتالمايمەن.

يىراقلاردا يانىدۇ گۈلخان،
ئۇزۇن كېچە قىينايدۇ ھىجران.
سۈبھى دەمدە كۈلىدۇ چولپان،
ئەي نىگار كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن.
سۈبھى دەمدە كۈلىدۇ چولپان،
ئۈمۈدۈم ئۈزۈلمەيدۇ ھەر قاچان.
ئارمانىم ھاياتىم سەن ھامان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...