
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ياخشى كۆر
پلاستىنكا: ئابدۇللا سەھنىسى 2023
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
332

ياخشى كۆر - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى
ياخشى كۆر گۈلنى تىكىنى بىلەن، ياخشى كۆر يارنى سەۋەنى بىلەن. ياخشى كۆر يارنى سەۋەنى بىلەن. قارىغىن كۆككە ئايمۇ دېغى بىلەن، يەردە بۇغدايمۇ سامىنى بىلەن. قاراپ باق كۆككە ئايمۇ دېغى بىلەن، يەردە بۇغدايمۇ سامىنى بىلەن. مۇزىكا بىرلىرى ئېگىز، بىرلىرى پاكار، بىرلىرى بېجرىم، بىرلىرى ناكار. بەزىدە توغرا، بەزىدە خاتا، ياخشى كۆر يارنى ئەيىبى بىلەن. بەزىدە توغرا، بەزىدە خاتا، ياخشى كۆر يارنى ئەيىبى بىلەن. ياخشى كۆر يارنى ئەيىبى بىلەن. مۇزىكا زەڭ سېلىپ قارا، ئىنسان پۇشتى ئۇ، كەمچىلىكلەرنىڭ يېقىن دوستى ئۇ. گاھىدا تۆردە، گاھى پەستە ئۇ، ياخشى كۆر يارنى ئۆز ئەينى بىلەن. ياخشى كۆر يارنى ئۆز ئەينى بىلەن. ياخشى كۆر گۈلنى تىكىنى بىلەن، ياخشى كۆر يارنى سەۋەنى بىلەن. قاراپ باق كۆككە ئايمۇ دېغى بىلەن، يەردە بۇغدايمۇ سامىنى بىلەن. ياخشى كۆر يارنى سەۋەنى بىلەن. ياخشى كۆر يارنى ئەيىبى بىلەن. ياخشى كۆر يارنى ئۆز ئەينى بىلەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...