سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
پلاستىنكا: ئاشىق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
496
ئايرىلىش مىنۇتلىرى - ھەققىدە:
سۆزى: ئىسكەندەر سەمەت مۇزىكىسى: ئىسكەندەر سەمەت
بىر تىزىق مارجان بىر دەستە گۈلدەك، ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ. بىر تىزىق مارجان بىر دەستە گۈلدەك، ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ. ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق، جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ. ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق، جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ. قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا، قالدى رىشتە باغلانغان ماكان. قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا، قالدى رىشتە باغلانغان ماكان. كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان. كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان. جۇدالىق يېشى تۆكۈلدى بۈگۈن، ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ. جۇدالىق يېشى تۆكۈلدى بۈگۈن، ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ. ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ گاھى كۈلۈشۈپ، خوشلاقماقتىمىز ئاق يوللار تىلەپ. ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ گاھى كۈلۈشۈپ، خوشلاقماقتىمىز تىلەكلەر تىلەپ. قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا، قالدى رىشتە باغلانغان ماكان. كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان. كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان. كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان. بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...