ئايرىلدىم
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئايرىلدىم

پلاستىنكا: تۇنجى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 528
مۇشۇ ئاخشام كۆزلىرىم تولا ياش ئىدى
ئۈزۈلمىگەن ئۈمۈدلەر بەرداش ئىدى
يۈرەگىمگە قادالغان بىر تاش ئىدى
سەن ئايرىلدىڭ مەن ھەم سەندىن
ئايرىلدىم ئايرىلدىم

گۈل كەتتىيۇ گۈللىگەن چاغ قالدى
گۈل ئورنىدا سارغايغان ياپراق قالدى
سۆيگۈم كېتىپ دىللاردا داغ قالدى
سەن ئايرىلدىڭ مەن ھەم
ئايرىلدىم ئايرىلدىم

سەندەك قەسەم بەلكىم تاپماسمەن ئەمدى
باغرىم ياندى قاناتلىرىم ھەم سۇندى
يىغلاپ يىغلاپ كۆزياشلىرىم ھەم تىندى
سەن ئايرىلدىڭ مەن ھەم سەندىن
ئايرىلدىم ئايرىلدىم
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...