سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
توختى يولۋاس
پلاستىنكا: ئاشىق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
534
توختى يولۋاس - ھەققىدە:
سۆزى: خالىق مۇزىكىسى: مەمتىمىن مامۇت 1998- يىلى ئىشلەنگەن توختى يولۋاس كىنوسىنىڭ ناخشىسى
شەھەر ئېسىل، شەھەر ئاۋات دەپ ئاڭلاپ، شەھەردىمۇ ياشاپ باقاي دەپ ئويلاپ. كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ پىلانلاپ، توختى يولۋاس ماڭدى شەھەر نىشانلاپ. كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ پىلانلاپ، پىلانلاپ، توختى يولۋاس ماڭدى شەھەر نىشانلاپ. ♪ ♪ ♪ ئەپسۇس ئۇنى قانداق قىسمەت كۈتەركىن؟ لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى خوش بۇ سەپەردىن. ئازاب-شادلىق بىر قوشماقتۇر ھاياتتا، شەھەردە ئۇ قېنى قانداق ياشاركىن؟ ئازاب-شادلىق بىر قوشماقتۇر ھاياتتا، شەھەردە ئۇ قېنى قانداق ياشاركىن؟ ♪ ♪ ♪ ئەپسۇس ئۇنى قانداق قىسمەت كۈتەركىن؟ لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى خوش بۇ سەپەردىن. ئازاب-شادلىق بىر قوشماقتۇر ھاياتتا، شەھەردە ئۇ قېنى قانداق ياشاركىن؟ ئازاب-شادلىق بىر قوشماقتۇر ھاياتتا، شەھەردە ئۇ قېنى قانداق ياشاركىن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...