سەندە بار
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

سەندە بار

پلاستىنكا: سەندە بار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2022

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 471
سەندە بار - ھەققىدە:
ناخشىدا: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئالاھىدىن ئابدۇرەشىد
مۇزىكىسى: دىليار ۋاھاپ
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: دىليار ۋاھاپ
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: ئايبات 
پەرى نەدۇر، پەيكار نەدۇر
ۋىسال سەندە بار
ئاسمانسىزمۇ ئاي چەشمىسى
زىلال سەندە بار
ئاسمانسىزمۇ ئاي چەشمىسى
زىلال سەندە بار

مۇزىكا

يۇلتۇز كۆزۈڭ، ئايدەك يۈزۈڭ
سەرسان كېچەمدە
ئاشىق قۇياش قويارغا باش
قارال سەندە بار
كۆزۈم سەندە، سۆزۈم سەندە
مۈشكۈلدە ھالىم
چۆلدە بارخان، سىرى پنھان
سوئال سەندە بار

مۇزىكا

ئوتتا ئاقتىم، چاقماق چاقتىم
قەھرىمدە گۈلخان
كۆيدۈرگىدەك، ئۆلتۈرگىدەك
خىيال سەندە بار
مەجنۇن ئىدىم، لەيلى دىدىم
تىلىم قاراڭغۇ
كۆردۈم سەھەر سېنى دىلبەر
ۋىسال سەندە بار
كۆردۈم سەھەر سېنى دىلبەر
ۋىسال سەندە بار
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...