ئانامغا مەكتۇپ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئانامغا مەكتۇپ

پلاستىنكا: ئاشىق

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 490
ئانامغا مەكتۇپ - ھەققىدە:
سۆزى: نۇرمۇھەممەت ياسىن
مۇزىكىسى: نۇرمۇھەممەت ياسىن 
تىمتاس كېچە قولۇمدا قەلەم،
سىزگە مەكتۇپ يازىمەن ئانا.
ئوتلۇق ھىجران چېچەكلىرىدىن،
سىزگە دەستە تىزىمەن ئانا.

كېچە ئۇزاق شۇنچىلىك سوغۇق،
مېھرىڭىزدىن تون يېپىڭ ئانا.
ئەللەي بىلەن ئۇخلىتىپ مېنى،
سۆيگۈ بىلەن ئويغىتىڭ ئانا.

كىممۇ سىزنى ھۆر-پەرى دېمەس،
دېڭىز تۇرسا مېھرىڭىز ئانا.
ھەر تۈن كېچە چۈشلەر قوينىدا،
كۆز ئالدىمدا چېھرىڭىز ئانا.
ئاھ جان … ئانا!

♪ ♪ ♪

بۇ ھاياتنىڭ داۋانلىرى كۆپ،
شادلىقىدىن غەملىرى تولا.
قايناملاردا ئۈزىمەن دادىل،
ماڭا ئامەت تىلەڭ جان ئانا.

ئۈنچە قازدىم بىلىم كانىدىن،
ئۈمىدىڭىز دىلىمدا ئانا.
دولقۇن ياساپ ئىشەنچ ئىرادە،
ۋۇجۇدۇمدا قېنىمدا ئانا.
ئاھ جان … ئانا!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...