سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
تەنھا يۈرەكلەر
پلاستىنكا: ئاشىق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
559
تەنھا يۈرەكلەر - ھەققىدە:
سۆزى: ئەكبەرجان مۇزىكىسى: مەمتىمىن مامۇت جالالىدىن بەھرامنىڭ «تەنھا يۈرەكلەر» ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسان ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تەنھا يۈرەكلەر»نىڭ ناخشىسى
كەچكى شەپەقمۇ تاڭدەكلا نۇرلۇق، تاڭدەك گۈزەل ئۇ بەرگەن تۇيغۇ. قۇياش پېتىشى ئەمەس جۇدالىق، قوزغايدۇ دىلدا يېڭى بىر سۆيگۈ. قۇياش پېتىشى ئەمەس جۇدالىق، قوزغايدۇ دىلدا يېڭى بىر سۆيگۈ. ئانىسىدۇر سۆيگۈ دۇنيانىڭ، ياقار دىللاردا ئۆچمەس بىر گۈلخان. ئانىسىدۇر سۆيگۈ دۇنيانىڭ، ياقار دىللاردا ئۆچمەس بىر گۈلخان. ياشنايدۇ ئالەم سۆيگۈ قوينىدا، بۇنى كۈيلەيدۇ جىسمى ئوت ئىنسان. ياشنايدۇ ئالەم سۆيگۈ قوينىدا، بۇنى كۈيلەيدۇ جىسمى ئوت ئىنسان. گەرچە پاتسىمۇ قۇياش ھەر گۇگۇم، تاڭنى تۇغىدۇ ئۆزىگە ئوخشاش. سۆيۈپ زىمىننى تاڭنىڭ جۇلاسى، چەكسىز مېھرىدە ئېتىدۇ باغاش. سۆيۈپ زىمىننى تاڭنىڭ جۇلاسى، چەكسىز مېھرىدە ئېتىدۇ باغاش. ئانىسىدۇر سۆيگۈ دۇنيانىڭ، ياقار دىللاردا ئۆچمەس بىر گۈلخان. ئانىسىدۇر سۆيگۈ دۇنيانىڭ، ياقار دىللاردا ئۆچمەس بىر گۈلخان. ياشنايدۇ ئالەم سۆيگۈ قوينىدا، بۇنى كۈيلەيدۇ جىسمى ئوت ئىنسان. ياشنايدۇ ئالەم سۆيگۈ قوينىدا، بۇنى كۈيلەيدۇ جىسمى ئوت ئىنسان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...