كۆزۈڭنى ياشلىما
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كۆزۈڭنى ياشلىما

پلاستىنكا: ئاشىق

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 460
كۆزۈڭنى ياشلىما - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
مۇزىكىسى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 
كۆزۈڭنى ياشلىما مۇنچە،
سېنىڭ قەدرىڭنى ئۇ بىلمەس.
پىغانىڭدىن يانار بىر ئوت،
سېنىڭ دەردىڭنى ئۇ بىلمەس.
پىغانىڭدىن يانار بىر ئوت،
سېنىڭ دەردىڭنى ئۇ بىلمەس.

گۈلى رەنا ئىدىڭ، سولدۇڭ،
سېنىڭ قەدرىڭنى ئۇ بىلمەس.
كۆزۈڭنى ياشلىما مۇنچە،
ۋاپا-مىھرىڭنى ئۇ بىلمەس.
كۆزۈڭنى ياشلىما مۇنچە،
ۋاپا-مىھرىڭنى ئۇ بىلمەس.

♬ ♬♬ ♬

كۆزۈڭنى ياشلىما مۇنچە،
سېنىڭ قەدرىڭنى ئۇ بىلمەس.
پىغانىڭدىن يانار بىر ئوت،
سېنىڭ دەردىڭنى ئۇ بىلمەس.
پىغانىڭدىن يانار بىر ئوت،
سېنىڭ دەردىڭنى ئۇ بىلمەس.

نادامەت قوينىغا چۆككەي،
سېنىڭ قەدرىڭ ئۆتۈلگەندە.
سېنىڭ قەدرىڭ ئۆتۈلگەندە.
پۇشايمان خەنجىرى بىرلە،
يۈرەك باغرى سۆكۈلگەندە.
يۈرەك باغرى سۆكۈلگەندە.
يۈرەك باغرى سۆكۈلگەندە.
پۇشايمان خەنجىرى بىرلە،
يۈرەك باغرى سۆكۈلگەندە.
يۈرەك باغرى سۆكۈلگەندە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...