ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
                        ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.

مەكتەپ ھاياتى

1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىياتىر فالكۇلتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناﮬىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ-دە، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ﮬاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماﮬارەت يىتىلدۈردى.

نەتىجىلىرى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان «غېرىپ-سەنەم» ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. 1992- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماﮬارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ئېرىشتى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ ئورۇنلىغان «سىرلىق تۇمان»، «ئۇچىراشقاندا»، «ۋاپادارىم»، «مۇئەللىم»، «كىچەلمەيمەن»، «ئايرىلىش»، «كۆزۈڭنى ياشلىما»، «تۇنجى سۆيگۈ»، «سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆﮬرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1994- يىلدىن ﮬازىرغىچە «سىرلىق تۇمان»، «سۈكۈتتىكى سادا»، «پەرۋانەڭ بولاي» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى، «شىرىن چۈش»، «تۇنجى سۆيگۈ» قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998- يىلى 4- ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 1998- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئادەم، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ، ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بويىچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1- دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باﮬالاندى. 1999- يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «ياشلىق كۈيى» دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 1999- يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى دىرامما بايرىمى» دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەﮬبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى.

ئەسەرلىرى

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بولۇپ «شادىمان دوستلار»، «بۇ كىشىنى تونۇمسىز» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «گۇناﮬسىز جىنايەتكار»، «كېيىنكى ئاتا» قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۇچرىشىش»، «شىكەر شەنبە»، «پۇل»، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ» قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناﮬايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناﮬايىتى يۇقىرى باﮬاسىغا ئېرىشتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش، دىرامما-ئېپىزوتلاردا رول ئېىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش»، «ئاي گۇۋاﮬ»، «ئۇر توقماق»، «كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى. ئۆز-ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى، ئېغىر-بېسىق مىجەز-خاراكتىرى ﮬەم سەمىمىيلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ﮬۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامىنەمۇ 1988- يىلى «بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ﮬاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988- يىلنىڭ ئاخىرى مۇﮬەببەت باغلاپ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ﮬالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ﮬازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. 
                    

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى تەۋە ئالبۇم كۆرۈلۈشى
تۇنجى سۆيگۈ تۇنجى سۆيگۈ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 780 كۆرۈلۈشى
قىزىل ئالما قىزىل ئالما پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 694 كۆرۈلۈشى
ئۆزەڭدۇرسەن ئۆزەڭدۇرسەن پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 449 كۆرۈلۈشى
ئاتا ئاتا پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 382 كۆرۈلۈشى
رەنجىمە رەنجىمە پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 415 كۆرۈلۈشى
ئايرىلدىم ئايرىلدىم پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 527 كۆرۈلۈشى
خەندان ئۇرۇپ خەندان ئۇرۇپ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 382 كۆرۈلۈشى
بالىلىقنى ئەسلەش بالىلىقنى ئەسلەش پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 568 كۆرۈلۈشى
قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 398 كۆرۈلۈشى
ئۇچراشقاندا ئۇچراشقاندا پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 524 كۆرۈلۈشى
يار ھەققىدە قوشاق يار ھەققىدە قوشاق پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 870 كۆرۈلۈشى
ئامرىقىم ئامرىقىم پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 410 كۆرۈلۈشى
ئىنتىزار ئىنتىزار پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 407 كۆرۈلۈشى
جانان ئۇيقۇدا جانان ئۇيقۇدا پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 943 كۆرۈلۈشى
باياۋان باياۋان پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 719 كۆرۈلۈشى
كاككۇكلار كاككۇكلار پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 483 كۆرۈلۈشى
كەلمىدى كەلمىدى پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 438 كۆرۈلۈشى
«تۈگىمەس ناخشا» «تۈگىمەس ناخشا» پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 832 كۆرۈلۈشى
سۇمبۇلە سۇمبۇلە پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 529 كۆرۈلۈشى
قاش سۈيى قاش سۈيى پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 470 كۆرۈلۈشى
پەرۋانەڭ بولاي پەرۋانەڭ بولاي پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 375 كۆرۈلۈشى
كىتەر بولدۇم كىتەر بولدۇم پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 417 كۆرۈلۈشى
ئارمان ئارمان پلاستىنكا ئايرىلىش 699 كۆرۈلۈشى
ئۇستازىم ئۇستازىم پلاستىنكا ئايرىلىش 369 كۆرۈلۈشى
مېنى كۈتكىن مېنى كۈتكىن پلاستىنكا ئايرىلىش 365 كۆرۈلۈشى
ئايرىلىش ئايرىلىش پلاستىنكا ئايرىلىش 462 كۆرۈلۈشى
كەلمىدى كەلمىدى پلاستىنكا ئايرىلىش 395 كۆرۈلۈشى
ۋاپادارىم ۋاپادارىم پلاستىنكا ۋاپادارىم 587 كۆرۈلۈشى
جانانە جانانە پلاستىنكا ۋاپادارىم 444 كۆرۈلۈشى
كېتەر بولدۇم كېتەر بولدۇم پلاستىنكا ۋاپادارىم 466 كۆرۈلۈشى
يۇلتۇزۇم ئالدىمدا يۇلتۇزۇم ئالدىمدا پلاستىنكا ۋاپادارىم 422 كۆرۈلۈشى
قىينىما قىينىما پلاستىنكا ۋاپادارىم 409 كۆرۈلۈشى
سەن يارە سەن يارە پلاستىنكا ۋاپادارىم 545 كۆرۈلۈشى
نەدە نەدە پلاستىنكا ۋاپادارىم 513 كۆرۈلۈشى
دىلرابا دىلرابا پلاستىنكا شېرىن چۈش 656 كۆرۈلۈشى
ئاشىق ئاشىق پلاستىنكا شېرىن چۈش 468 كۆرۈلۈشى
ۋاپادار ۋاپادار پلاستىنكا شېرىن چۈش 973 كۆرۈلۈشى
پەرۋانەڭ بولاي پەرۋانەڭ بولاي پلاستىنكا شېرىن چۈش 360 كۆرۈلۈشى
پۇتبول ناخشىسى پۇتبول ناخشىسى پلاستىنكا شېرىن چۈش 385 كۆرۈلۈشى
ئۇۋالىم ئۇۋالىم پلاستىنكا شېرىن چۈش 593 كۆرۈلۈشى
تاغ گۈلى تاغ گۈلى پلاستىنكا شېرىن چۈش 383 كۆرۈلۈشى
جانان ئۇيقۇدا جانان ئۇيقۇدا پلاستىنكا شېرىن چۈش 387 كۆرۈلۈشى
شېرىن چۈش شېرىن چۈش پلاستىنكا شېرىن چۈش 406 كۆرۈلۈشى
قىيىن ئىكەن قىيىن ئىكەن پلاستىنكا شېرىن چۈش 410 كۆرۈلۈشى
سۆيۈلمىگەن قىز سۆيۈلمىگەن قىز پلاستىنكا شېرىن چۈش 389 كۆرۈلۈشى
ھايات لوڭقىسى ھايات لوڭقىسى پلاستىنكا شېرىن چۈش 352 كۆرۈلۈشى
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1096 كۆرۈلۈشى
مەشرەپ مەشرەپ پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 711 كۆرۈلۈشى
توغراق توغراق پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1016 كۆرۈلۈشى
قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 316 كۆرۈلۈشى
سىزنى ئەسلىدىم سىزنى ئەسلىدىم پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 604 كۆرۈلۈشى
بول يانىمدا بول يانىمدا پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 339 كۆرۈلۈشى
يار سېنى پاناھ تارتىپ يار سېنى پاناھ تارتىپ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 327 كۆرۈلۈشى
تەنھا سۆيگۈ تەنھا سۆيگۈ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 456 كۆرۈلۈشى
سېنى دېدىم سېنى دېدىم پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 330 كۆرۈلۈشى
تۇنجى قار تۇنجى قار پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 318 كۆرۈلۈشى
جاھان بۇ جاھان بۇ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 266 كۆرۈلۈشى
مۇھەببەت مۇھەببەت پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 742 كۆرۈلۈشى
ھايات ھايات پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 523 كۆرۈلۈشى
يول بەرگىن يول بەرگىن پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 840 كۆرۈلۈشى
مۇئەللىم مۇئەللىم پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 927 كۆرۈلۈشى
بىزنىڭ ناخشىمىز بىزنىڭ ناخشىمىز پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1669 كۆرۈلۈشى
بالىلىقىم بالىلىقىم پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 357 كۆرۈلۈشى
مەجنۇنتال مەجنۇنتال پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 880 كۆرۈلۈشى
ئەسلەرسەنمۇ ئەسلەرسەنمۇ پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 347 كۆرۈلۈشى
باھارغا مۇشتاقلىق باھارغا مۇشتاقلىق پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 610 كۆرۈلۈشى
ئاناجان ئاناجان پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 326 كۆرۈلۈشى
گۈلشەندىكى نىدا گۈلشەندىكى نىدا پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 529 كۆرۈلۈشى
مۇھەببەت ناتونۇش مۇھەببەت ناتونۇش پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 322 كۆرۈلۈشى
گۈزەللىكىدىن گۈزەللىكىدىن پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 278 كۆرۈلۈشى
كەلمىسە كېرەك كەلمىسە كېرەك پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 343 كۆرۈلۈشى
ئالما ئانارىڭ ئالما ئانارىڭ پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 409 كۆرۈلۈشى
يول بولسۇن يول بولسۇن پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 396 كۆرۈلۈشى
يار دەردى يار دەردى پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 743 كۆرۈلۈشى
ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1038 كۆرۈلۈشى
ئۇنتالمىدىم ئۇنتالمىدىم پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 462 كۆرۈلۈشى
سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 298 كۆرۈلۈشى
كارۋان بىز كارۋان بىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 336 كۆرۈلۈشى
ئانا ئانا پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 701 كۆرۈلۈشى
سىز سىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 361 كۆرۈلۈشى
سەھرا سەھرا پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 303 كۆرۈلۈشى
شۇ چاغلار (بۇلبۇللار) شۇ چاغلار (بۇلبۇللار) پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 685 كۆرۈلۈشى
گۈزەلىم گۈزەلىم پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 308 كۆرۈلۈشى
قىرىقتىن ئۆتكەندە قىرىقتىن ئۆتكەندە پلاستىنكا قىرىقتىن ئۆتكەندە 527 كۆرۈلۈشى
كەچۈر ئۆزۈم كەچۈر ئۆزۈم پلاستىنكا كەچۈر ئۆزۈم 920 كۆرۈلۈشى
سەنەم سەنەم پلاستىنكا سەنەم 359 كۆرۈلۈشى
ئېيتماڭ ئېيتماڭ پلاستىنكا ئېيتماڭ 429 كۆرۈلۈشى
سەندە بار سەندە بار پلاستىنكا سەندە بار 470 كۆرۈلۈشى
نەزىفە نەزىفە پلاستىنكا نەزىفە 318 كۆرۈلۈشى
سورىما سورىما پلاستىنكا سورىما 651 كۆرۈلۈشى
ئەللىك يېشىم ئەللىك يېشىم پلاستىنكا ئەللىك يېشىم 341 كۆرۈلۈشى
كۆكلەمدىكى يۈرەك كۆكلەمدىكى يۈرەك پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 374 كۆرۈلۈشى
ئۇنىتالمايمەن ئۇنىتالمايمەن پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 304 كۆرۈلۈشى
قوشماق قوشماق پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 331 كۆرۈلۈشى
ئەركەم ئەركەم پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 448 كۆرۈلۈشى
كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 624 كۆرۈلۈشى
تاپارمەن تاپارمەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 359 كۆرۈلۈشى
باقما باقما پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 543 كۆرۈلۈشى
ئەي سابا ئەي سابا پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 419 كۆرۈلۈشى
قەيەردە سەن قەيەردە سەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 339 كۆرۈلۈشى
چۈشۈمگە كىر چۈشۈمگە كىر پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1466 كۆرۈلۈشى
خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 708 كۆرۈلۈشى
قانداق قىلارمەن قانداق قىلارمەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 399 كۆرۈلۈشى
تەكلىماكان تەكلىماكان پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 358 كۆرۈلۈشى
ئوغلۇمغا ئوغلۇمغا پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 339 كۆرۈلۈشى
ئاسان ئەمەس ئاسان ئەمەس پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 269 كۆرۈلۈشى
ئانامنىڭ بولسۇن ئانامنىڭ بولسۇن پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 245 كۆرۈلۈشى
قالدى قالدى پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 286 كۆرۈلۈشى
نېمە بولدى؟ نېمە بولدى؟ پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 301 كۆرۈلۈشى
ياخشى كۆر ياخشى كۆر پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 331 كۆرۈلۈشى