كىشى ئىسىملىرى
-
تىلەك
(تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 455
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)
-
جالال
(جىلال) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 414
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇلۇغۋار، پارلاق. ئەسلىيسى «جەلال».
-
جالالىدىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 371
، ياقتۇرغانلار: 0
دىننىڭ ئۇلۇغۋار كىشىسى. ئەسلىيسى «جەلالىدىن»
-
جانباز
(جامباز) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 414
، ياقتۇرغانلار: 0
باتۇر؛ جاندىن كەچكەن، جان بىلەن ئويناشقۇچى؛ پىداكار.
-
جانباي
(جامباي) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ
كۆرۈلۈشى: 425
، ياقتۇرغانلار: 0
جانلىق ئەر («جان» ئىنساننىڭ ھايات چېغىدىكى بارلىقى، ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى ۋە نىشانى بولۇپ، كىشى ئىسىملىرى ياكى ئىسىم قوشۇمچىسى بولۇپ كەلگەندە «جاندىن ئەزىز، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە يەنە «كىشى» دېگەن قوشۇمچە مەنىگىمۇ ئىگە. بۇ ئىسىم ئە
-
جاھاندار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 377
، ياقتۇرغانلار: 0
جاھان تۇتقۇچى، جاھان سورىغۇچى؛ پادىشاھ
-
جاھانگىر
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 366
، ياقتۇرغانلار: 0
جاھاننى ئۆز ئىلكىدە تۇتقۇچى
-
جەۋلان
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 462
، ياقتۇرغانلار: 0
لەپىلدىمەك؛ سەيىر قىلماق
-
جەۋھەر
(جۆھەر، جۈھەر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 466
، ياقتۇرغانلار: 0
«گۆھەر» نىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەردە «ماددا، نېگىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.
-
جۇشقۇن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 439
، ياقتۇرغانلار: 0
تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق
-
جۇنەيد
(جۇنەيت، جۇنايىت، جىنايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 397
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) قوشۇن، (2) كىچىك جەڭچى (ئەرەبچىدىكى «جۇندى» دېگەن سۆزنىڭ كىچىكلىتىلمە شەكلى)
-
جۇنەيددىن
(جۇنەيتىن، جۇنەيدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 412
، ياقتۇرغانلار: 0
دىننىڭ كىچىك جەڭچىسى
-
چېۋەر
(چەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 426
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇستا، ماھىر، چەبدەس، چاققان، كېلىشىملىك.
-
چېچەن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 362
، ياقتۇرغانلار: 0
زېھنى ئۆتكۈر؛ زېرەك، ھوشيار، ئەقىللىق
-
چىنتۆمۈر
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 351
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەقىقىي، تۆمۈردەك يىگىت
-
چىنتېكىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 434
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەقىقىي شاھزادە
-
چوڭ
(چوڭاق، چوڭەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 402
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇلۇغ، ھۆرمەتتە چوڭ؛ چوڭ ئوغۇل
-
چەۋەنداز
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 516
، ياقتۇرغانلار: 0
ئات چاپتۇرغۇچى، ئات ئۈستىدە جەڭ قىلغۇچى، ئات مىنىش ماھىرى
-
چاقماق
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 368
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) تەبىئەت ھادىسىسى؛ (2) چاقماقتەك ئوغۇل، چاققان ئوغۇل
-
چاۋار
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 353
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەخلەت، ئوتۇن (كۆز تەگمەسلىك ئۈمىدىدە قويۇلغان)
-
چىلان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 531
، ياقتۇرغانلار: 0
بىر خىل مېۋىلىك دەرەخ نامى
-
خالىد
(خالىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 1146
، ياقتۇرغانلار: 0
مەڭگۈلۈك
-
خالىس
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 541
، ياقتۇرغانلار: 0
ساپ، پاكىز، ھەقىقىي، سەمىمىي
-
خان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 517
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ھۆكۈمدار، خان، (2) بەزىدە ھەممىنىڭ خانى بولغان ئاللانى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «خان» ئاللانىڭ ئىسىملىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى، «ئابدۇ، ئەبۇ (ئاتا)، خوجا، شاھ، بەگ، دىن، ئاللا» قاتارلىق ئىسىملار، باشقا پەيغەمبەر ئىسىملىرى ۋە تارىختا مۇتلەق ئەرلەر ئى
-
خەبىر
(خېۋىر، خەپىر، خەۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 356
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەممىدىن خەۋەردار، تەجرىبىلىك، مۇتەخەسىس، ئۇستا (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)
-
خوجا
(خوجام، غوجا، غوجام، غوجى، خوجاش، غوجەش، خوجاق، غوجاش، غوجاق، غوجەك،غوجەم) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 764
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇستاز، خوجايىن؛ ئىگە. ئىزاھات: «خوجا» ئەسلىدە «خۇاجە، خاجە، خوجە» دېيىلسىمۇ، ئادەت بويىچە «خوجا» دەپ ئېلىندى. ئۇ مەنە جەھەتتىن «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەنلىك بولۇپ، بەزىدە كۆچمە مەنىسى بولغان «ئىگەم، ئاللا» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلە
-
دادىل
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 997
، ياقتۇرغانلار: 0
جۈرئەتلىك
-
دانىشيار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 353
، ياقتۇرغانلار: 0
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى
-
دانىيال
(دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 421
، ياقتۇرغانلار: 0
دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.
-
دائى
(داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)