كىشى ئىسىملىرى

  • ئەلقۇت

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 2153كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 23

    ئەلنىڭ بەختى

  • ئەھمەد

    (ئەخمەت، ئەمەت، ئەمەق، ئەمەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 532كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    ئەڭ مەدھىيەلىگۈچى، بەك ماختىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئەركىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 881كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 19

    ئەركە، ھۆر

  • ئەزىز

    (ئېزىز، ھەزىز، ھېزىز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 563كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قۇدرەتلىك، سۆيۈملۈك، قىممەتلىك، شەرەپلىك، كۈچلۈك، قەدىرلىك (بۇ ئىسىم «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئەھەد

    (ئەھەت، ئەخەت، ئەخىتىم، ئەخەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    بىر، يالغۇز، يەككە، يېگانە (بۇ يەردە ئاللانى كۆرسىتىدۇ)

  • ئەختەم

    (ئەھەد، ئەھەت، ئەخەت، ئەخىتىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 676كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) ئاخىرقى بالا، كەنجى ئوغۇل؛ (2) «ئەھەد» نىڭ ئەركىلەتمە شەكلى. مەسىلەن، «ئەھەت، ئەخەت، ئەخىتىم، ئەختەم» دېگەندەك؛ (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلرىدىن بىر بولۇپ، مەنىسى: ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر

  • ئەبۇبەكرى

    (ئابابەكرى، ئاباكرى، ئاۋاكرى، ئاباك، ئۇلبەكرەم، ئۇلبەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    بەكرىنىڭ ئاتىسى («بەكرى» نىڭ مەنىسى: تۇنجى بالا؛ بوتىلاق)

  • ئەرشىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 582كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) دىننىڭ تەختى؛ (2) دىننىڭ راستچىل كىشىسى. بۇ ئىسىمنىڭ ئەسلىيسى «ئەرشىددىن».

  • ئەزھەر

    (ئەزھەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 693كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    نۇرلۇق، يارقىن، پارلاق

  • ئەزىمەت

    (ئەزىماق. ئەزىمەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 553كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) يولغا چىقىش، قوزغىلىش، مېڭىش، ئىنتىلىش؛ (2) مۇستەھكەم ئىرادە، نىيەت، غايە، ئارزۇ؛ (3) كۈچ-قۇۋۋەت؛ (4) قەتئىيلىك، باتۇرلۇق، ئۇلۇغلۇق، ئۇلۇغۋارلىق؛ (5) بۈيۈك، كاتتا

  • ئەكبەر

    (ئەكپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ھەممىدىن چوڭ، چوڭ ئوغۇل

  • ئەلقەم

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) لوقمىلار؛ (2) ئويۇلغان؛ (3) ئاچچىق تاۋۇز، دورا تاۋۇزى؛ (4) نېسىۋىسى كۆپ

  • ئەلى

    (ئېلى، ئەلىش، ئەلەك، ھېلەك، ئەلەش، لىلىس، ئىلەم، ھەلەك، ئېلەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئۈستۈن، ئېگىز، ئالىي، يۈكسەك ( بۇ، «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە چاھاريارلاردىن ئەلىنىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ)

  • ئەنۋەر

    (ئەڭگەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 489كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ھەممىدىن نۇرلۇق، بەك نۇرلۇق

  • ئەمىن

    (ئىمىن، ئىمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 401كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى: ئىشەنچىلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار

  • ئەسغەر

    (ئەسقەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 510كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    ھەممىدىن كىچىك؛ ئەڭ كىچىك ئوغۇل

  • ئەسەد

    (ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 573كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شىر

  • ئەسىدۇللا

    (ئەسدۇل، ئەسدۇللا، ئەستۇللا، ئەستىللا، ئەستۇل، ئەسىتۇللا، ئەسىتۇل، ئەسەيدۇللا، ئەسەيتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 467كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ شىردەك باتۇرى. ئەسلىيسى «ئەسەدۇللا»

  • ئەسئەد

    (ئەسئەت، ئەسقەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەڭ بەخىتلىك، خۇشال

  • ئەسئەدۇللا

    (ئەسەدۇللا، ئەسەدۇل، ھېستۇل، ھېستۇللا، ئەسىدۇللا، ئەسدۇللا، ئەسدۇل، ئەستۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 433كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • ئەلكۈن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 495كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەلنىڭ قۇياشى

  • ئەنەس

    (ئەنەش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 426كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈلپەت

  • ئەزىم

    (ئازىم، ھازىم، ئايزىم، ھەزىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش

  • ئەلىيار

    (ئەليار، ئىليار) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 420كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەلىنىڭ دوستى

  • ئەليار

    (ئېليار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەلنىڭ دوستى، ئەلنى دوست تۇتقۇچى

  • ئەلشاد

    (ئەلشات، ئېلشات. ئىلشات، ئەلىشات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەلنىڭ شادلىقى، ئەلنى شادلاندۇرغۇچى

  • ئەراپات

    (ئاراپات، ئارپات، ئىرپات، ئارافات، ئەرەفات، ئەرافات، ئارفات، ئىرفات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 593كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئاللانى تونۇماق؛ (2) مەككىدىكى بىر جاي (تاغ) ئىسمى