كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇرەھمان

    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 772كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 47

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئاماننىسا

    (ئاماننا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 684كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 27

    ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئايال

  • ئابدۇرەشىد

    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 712كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 24

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئالتاي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 726كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 21

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئابدۇلئەزىز

    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 476كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئازاد

    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 676كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئازادە

    (ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك

  • ئالماس

    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 663كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئاتىللا

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 669كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئارزۇ

    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 782كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئايتۆرە

    (ئايتۆرەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ م تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    چىرايلىق ۋە ئېسىل نەسەبلىك

  • ئايدەنا

    (ئايدانا، ئايدەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 464كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ئەقىللىق، دانىشمەن، بىلىملىك قىز

  • ئابدۇرەھىم

    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئادىل

    (ھادىل، ھەدىل، ئادىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئادالەتنى ياقلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئارسلان

    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 641كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئارمان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 691كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئالىم

    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 610كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئامان

    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئاتائۇللا

    (ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 551كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل

  • ئاتلان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 614كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • ئائىشە

    (ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 683كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە

  • ئايلا

    (ئايلىخان، ئايلام، ئايلىقىز، ئايلامخان، ئايلىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 292كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاچا، ھەدە؛ ئاچا ئورنىدىكى قىز

  • ئابىدە

    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە

    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 583كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئايگۈل

    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 710كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئاينۇر

    (ئاينۇرەم، ئاينۇرخان، ئاينۇرقىز، ئاينۇرگۈل، ئاينىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 314كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئاي نۇرىدەك گۈزەل قىز. ئەسكەرتىش: «ئاينىم» بولسا «ئايىنىم» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئادىلە

    (ئادىلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 574كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    ئادىل ئايال

  • ئادالەت

    (ئادالەتخان، ئادالەتگۈل، ئادالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 710كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 6

    ئادىللىق، خالىسلىق؛ قانۇن. ئەسلىيسى «ئەدالەت»

  • ئالما

    (ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز، ئاممىگۈل، ئاممىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 665كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 6

    مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان)

  • ئانا

    (ئانىخان، ئانىقىز، ئانىقىزخان، ئانىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 536كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 6

    بۇ ئىسىمدا «ئانا» ئۇلۇغلانغان ۋە قىز پەرزەنتكە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان