كىشى ئىسىملىرى
-
ئىلدار
(ئەلدەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 869
، ياقتۇرغانلار: 15
ئەل سۆيەر؛ ئەل تۇتقۇچى، دۆلەتمەن. ئىزاھات: «ئىلدار» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ ھەم «ئەلدار» بىلەن ئوخشاش مەنىگە ۋە ئۆزگىرىشكە ئىگە.
-
ئىبراھىم
(ئىبرايىم، ئۇرايىم، ئىبراش، ئىراش، ئىبراي) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 490
، ياقتۇرغانلار: 14
ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللاغا بويسۇنغۇچى، (2) ھۆرمەتلىك. ئىزاھات: «ئىبراھىم» نىڭ باشقا ئاتىلىشى «ئەبىھرام» دۇر.
-
ئىرپان
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 492
، ياقتۇرغانلار: 13
(1) بىلىم، (2) ھېسسىيات، (3) مىننەتدارلىق، (4) مەدەنىيەت
-
ئىسلام
(ئىسلامجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 398
، ياقتۇرغانلار: 13
بويسۇنماق (بۇ ئىسىمدا ئىسلام دىنى ئۇلۇغلانغان)
-
ئىھساق
(ئىسساق، ئىزاق، ئىززاق، ئىساق، ئىسراق) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 366
، ياقتۇرغانلار: 13
ئىسھاق پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: كۈمۈش. ئىزاھات: «ئىسھاق، ئېيسا» ئوخشاشلا «ئىساق» قا ئۆزگىرىدۇ. «ئىسھاق، ئىسرائىل» ئوخشاشلا «ئىسراق» قا ئۆزگىرىدۇ.
-
ئىگەمبەردى
(ئىگەم، ئىگەمبەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 548
، ياقتۇرغانلار: 13
ئاللا ئىگەم بىر ئوغۇل بەردى
-
ئىلھام
(ئىلام، ئىلخام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 458
، ياقتۇرغانلار: 13
بېشارەت، ھېس-تۇيغۇ
-
ئىمام
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 489
، ياقتۇرغانلار: 13
ئالدىدا تۇرغۇچى، يېتەكچى، رەھبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتى)
-
ئىلغار
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 415
، ياقتۇرغانلار: 12
تىز يۈرەر، زەربىدار، ئالدىن يۈرەر، ئالدىدا ماڭغۇچى
-
ئىسلاھات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 356
، ياقتۇرغانلار: 12
ياخشىلىماق، ئۆزگەرتمەك، تۈزەتمەك
-
ئىشان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 397
، ياقتۇرغانلار: 12
بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي مەرتىۋە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنە جەھەتتىن «پىر، شەيىخ» دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدۇ.
-
ئىنايەت
(ئانايەت، ئانايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 367
، ياقتۇرغانلار: 12
غەمخورلۇق، ئىلتىپات، ئاسراش، ياردەم، ئەھمىيەت بەرمەك
-
ئىدرىس
(ئەدرىس، ئىرىس) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 504
، ياقتۇرغانلار: 11
ئۇرۇق چاچقۇچى، دېھقان (ئىدرىس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى)
-
ئىسلامنىياز
تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 371
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغۇچى، ئىسلامغا بەخشەندە قىلىنغان (كىشى)
-
ئىسمائىل
(ئىسمايىل، ئىسماق) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 386
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى، (2) ئاللا ئاڭلىدى
-
ئىكرام
(ئىكرامجان، ۋىكرام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 436
، ياقتۇرغانلار: 10
ھۆرمەت، ئىززەت
-
ئىلاج
(ھىلاج، غىلاج) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 529
، ياقتۇرغانلار: 10
داۋالىماق، ئامال قىلماق، ساقايتماق، داۋا
-
ئىرشاد
(ئىرشات) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 413
، ياقتۇرغانلار: 9
يول كۆرسەتمەك، تەلىم بەرمەك، توغرا يولغا باشلىماق
-
ئىسكەندەر
تىل تەۋەلىكى: ي
كۆرۈلۈشى: 392
، ياقتۇرغانلار: 9
قەدىمكى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىرنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى
-
ئىلزات
(ئىلزات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 391
، ياقتۇرغانلار: 9
ئەل ئوغلى («ئەلزاد» قا ئوخشاش)
-
ئىلشاد
(ئىلشات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 338
، ياقتۇرغانلار: 9
ئەلنىڭ شادلىقى، ئەلنى شادلاندۇرغۇچى
-
ئىليار
تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 343
، ياقتۇرغانلار: 9
(1) ئەلنىڭ دوستى، (2) دۆلەت يار بولغاي
-
ئىبرەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 528
، ياقتۇرغانلار: 0
ساۋاق، ئاگاھلاندۇرۇش
-
ئىتائەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 405
، ياقتۇرغانلار: 0
بويسۇنماق، ئەمرىنى تۇتماق
-
ئىجابەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 383
، ياقتۇرغانلار: 0
جاۋب بەرمەك؛ جاۋاب قايتۇرماق، ئۇنىماق؛ جاۋابقا ئېرىشمەك (بۇ يەردە ئاتا-ئانىنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ، ئاللانىڭ بىر پەرزەنت بەرگەنلىكىگە شۈكرى قىلىش ھېسسىياتى ئىپادىلىنىدۇ)
-
ئىجاد
(ئىجات) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 414
، ياقتۇرغانلار: 0
تاپماق، پەيدا قىلماق، ياراتماق، بەرپا قىلماق، كەشىپ قىلماق
-
ئىجادۇللا
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 423
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللانىڭ كەشپىياتى، ئىجادىيىتى
-
ئىختىيار
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 428
، ياقتۇرغانلار: 0
تاللىماق، ئىلغىماق
-
ئىخلاس
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 391
، ياقتۇرغانلار: 0
سادىقلىق («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)
-
ئىخۋان
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 1037
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاكا-ئۇكا، قېرىنداش