كىشى ئىسىملىرى

  • تۇغلۇق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 684كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 24

    بايراقدار، بايراق تۇتقۇچى، بايرىقى بار، بايراقلىق

  • تاھىر

    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 607كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • توختى

    (توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.

  • تۇردى

    (تۇردەش، تۇردەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 580كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    پەرزەنتنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى، ئۇزاق ياشىشىنى تىلەپ قويۇلغان ئىسىم.

  • تۆمۈر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 574كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 18

    مېتال ئىسمى (بۇ يەردە تۆمۈردەك مەھكەم، چىداملىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ).

  • تۇرغۇن

    (تۇرغۇنجان، تۇغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 776كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 17

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇرۇپ

    (تۇرۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 564كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 17

    (1) كۆكتات ئىسمى، (2) تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇر

    (تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 664كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.

  • تۇرسۇن

    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • تۇرغان

    (تۇرغانجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 570كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇيغۇن

    (تايغۇن، تۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1070كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    ھوشيار، زېرەك

  • تەۋەككۈل

    (تەۋەككۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 584كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرماق

  • تەۋپىق

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 618كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب

  • تىلىۋالدى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 526كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    ئاللادىن پەرزەنت تىلىۋالدى.

  • تاشپولات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 472كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    تاش ۋە پولاتتەك مەھكەم

  • تاشمۇھەممەد

    (تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 446كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • تالىب

    (تالىپ، تايلىپ، تالىش، تالىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 487كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى

  • تۈرگۈن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 540كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تۈركۈن» (قەبىلە) دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى

  • تۈرك

    (تۈرۈك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 905كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    مىللەت نامى (بۇ يەردە «تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئوغۇل» دېگەن مەنە ئىپادە قىلىنىدۇ)

  • تارخان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 500كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (قەدىمكى ئۇنۋان ناملىرىدىن بىرى بولۇپ، ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ئىمتىيازلىق ئەزالىرىغا بېرىلىدۇ ھەمدە ئۆزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىمتىيازى ئەۋلادلىرىغا مىراس بولۇپ قالىدۇ)

  • تەڭرىبەردى

    (تەڭرىۋەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئوغۇلنى ئاللا بەردى

  • تەڭرىقۇت

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 552كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تەڭرى بەختلىك قىلغان؛ تەڭرى بەرگەن بەخت

  • تۇغلۇقتۆمۈر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 496كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تۇغلۇق: ئىسمى، تۆمۈر: سۈپىتى (بۇ، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىس ئىسمى)

  • تۆرە

    (تۆرەم، تۆرىخان) تىل تەۋەلىكى: م تىل كۆرۈلۈشى: 526كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەگزادە، ئاقسۆڭەك، كىچىك خوجام، كىچىك ئىشان (بۇ، ئەسلىي موڭغۇلچە «تۇراھ» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشان ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قالغان، دېيىلىدۇ)

  • تۈمەن

    (تۈمەك، تۈمەنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئون مىڭنى بىرلىك قىلغان سان نامى، (2) كۆپ، نۇرغۇن، ساناقسىز، چەكسىز، (3) سۇ يار كەتمەسلىك ئۈچۈن ياكى سۇ يار كەتكەندە دەريا قىرغىقىغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى يار كەتكەن جايغا تاشلىنىدىغان شاخ-شۇمبىلىق، ئۇزۇن، گىگانت ئورۇندا ياكى مۇداپىئە توسۇقى.

  • تېپىۋالدى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئىسىمدا ئاللا بىر ئوغۇل بەرگەنلىكى، ئۇنى «تېپىۋالدى» قىلىپ باققانلىقى، شۇنداق بولغاندا كۆز تەگمەيدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

  • تېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 919كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شاھزادە؛ قۇل

  • تىلەك

    (تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)