ئائىشە


مەنىسى: (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە «ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار.

جىنسى: قىز

ئۆزگىرىشلىرى: ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە

تىل تەۋەلىكى: ئەرەبچە

لاتىنچە: Ayshe
تۈركچە: Ayşe

كۆرۈلۈشى: (201) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (10) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)