كىشى ئىسىملىرى
-
ئائىدە
(ئايىدە، ئايىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 308
، ياقتۇرغانلار: 0
مەنپەئەت، پايدا، نەتىجە
-
ئائىزخان
(ئايىزخان، ئايسىخان، ئايسىگۈل، ئايسىقىز، ئايزىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 322
، ياقتۇرغانلار: 0
پېقىر
-
ئائىزە
(ئايىزە، ئايىزەم، ئايىسە، ئايزە، ئايسە) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 338
، ياقتۇرغانلار: 0
پېقىر
-
ئائىشىبانۇ
(ئايشىبانۇ، ئايشىبان، ئەشۇبان، ئەيشىبان) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 298
، ياقتۇرغانلار: 0
ئائىشەدەك خېنىم
-
ئائىشىبىبى
(ئايشىبۈۋى، ئاشىبۈۋى، ئاشبۈۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 317
، ياقتۇرغانلار: 0
ئائىشەدەك خېنىم
-
ئائىشىنۇر
(ئايشىنۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 342
، ياقتۇرغانلار: 0
ئائىشە: ئىسمى، نۇر: سۈپىتى
-
ئائىشە
(ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 601
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە
-
ئابا
(ئاباخان، ئاباق، ئابام، ئابىخان، ئابەش، ئابەك، ئاباش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 638
، ياقتۇرغانلار: 1
دادا، ئاتا، ئاتام (بۇ ئىسىمدا ئاتا ئۇلۇغلانغان). «ئابدۇلۋاھاب، ئابدۇكەرىم» قاتارلىق بىر قانچە ئىسىملارمۇ «ئابا» غا ئۆزگىرىدۇ.
-
ئاباد
(ئاۋات، ئاۋاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 466
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاۋاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، ئاۋات جاي، ئاۋات ئۆي
-
ئابادخان
(ئاۋاتخان، ئاۋەتخان، ئەۋەتخان) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ
كۆرۈلۈشى: 346
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاباد: ئىسمى، خان سۈپىتى
-
ئابامئۇلۇغ
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 385
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى
-
ئابامبەگ
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 354
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابام: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى
-
ئاباھاجى
(ئاباجى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابا: ئىسمى، ھاجى: قوشۇمچىسى
-
ئاباھاجىم
(ئاباجىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 371
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابا: ئىسمى، ھاجىم: قوشۇمچىسى
-
ئابباس
(ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 698
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.
-
ئابباسخوجا
(ئاباسخوجا) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 467
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابباس: ئىسمى، خوجا: سۈپىتى
-
ئابدۇ
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 445
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئىسىم ئادەتتە يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئابدۇ» ئەسلىي قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئارقىسىدىكى تەركىب تاشلىۋېتىلگەن ئىسىمدۇر. لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنىسى بار. ئۇ «بەندە، قۇل، كىشى، ئادەم، ئىنسان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئابدۇ» ئەسلىدە (عبد) بولسىمۇ، ئادەت ب
-
ئابدۇئەسئەد
(ئابدەسەت، ئابدۇئەسەت، ئابدىئەسەت، ئەسئەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 386
، ياقتۇرغانلار: 0
بەختلىك كىشى. «ئابدۇئەسئەد» بىلەن «ئابدۇئەسەد» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىدۇ.
-
ئابدۇئەسەد
(ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 551
، ياقتۇرغانلار: 0
شىر كەبى ئادەم
-
ئابدۇئەلا
(ئابدەلا، ئابدۇلئەلا، ئابلەلا، ئابدىئەلا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 408
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەلانىڭ قۇلى («ئەلا» نىڭ مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. بۇ يەردە «ھەممىدىن ئۈستۈن كىشى» دېگەن مەنىدىمۇ كىلىدۇ). ئەسلىيسى «ئابدۇئەئلا».
-
ئابدۇئەھمەد
(ئابدەھمەت، ئابدەمەت، ئابدۇلئەھمەت، ئابدىئەھمەت، ئەھمەت، ئەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 360
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەھمەدنىڭ قۇلى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى: بەك مەدھىيە ئوقۇغۇچى)
-
ئابدۇتالىب
(ئابدىتالىپ، تالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 386
، ياقتۇرغانلار: 0
ئوقۇغۇچى؛ تالىبنىڭ قۇلى. ئىزاھات: ئىككىنچى تەركىبى قۇياش ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدىغان «ئابدۇتالىب، ئابدۇتاھا، ئابدۇتاھىر» دېگەندەك ئىسىملاردا، قۇياش ھەرپى (ت ث د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ل ن) تەشدىدلىك (قوش ياكى تەكرار) ئوقۇلۇپ، «ئابدۇتتالىب، ئابدۇتتاھا، ئابدۇتتاھىر، ئابدۇززاھىر،
-
ئابدۇتاھىر
(ئابدىتاھىر، تاھىر، تايىر، تايى، ئابدىتايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 356
، ياقتۇرغانلار: 0
پاك كىشى؛ تاھىرنىڭ قۇلى
-
ئابدۇخوجا
(ئابدۇغوجى، ئابدىخوجا، ئابدىغوجى، خوجا، غوجى) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
خوجىنىڭ قۇلى («خوجا» بۇ يەردە «ئۇستاز، ئىگە» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ۋە كۆپىنچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
-
ئابدۇخەلىل
(ئابدۇخېلىل، ئابدىخېلىل، خېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 396
، ياقتۇرغانلار: 0
(«خەلىل» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش)
-
ئابدۇراززاق
(ئابدۇراززاق، ئابدىراززاق، ئابدىرزاق، راززاق، رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 500
، ياقتۇرغانلار: 1
رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەززاق».
-
ئابدۇرازىق
(ئابدىرازىق، رازىق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 383
، ياقتۇرغانلار: 0
رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررازىق».
-
ئابدۇرەئۇپ
(ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 545
، ياقتۇرغانلار: 2
مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».
-
ئابدۇرەسۇل
(ئابدۇروسۇل، ئابدۇرۇسۇل، روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 398
، ياقتۇرغانلار: 0
رەسۇلنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) قۇلى، پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى
-
ئابدۇرەشىد
(ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 644
، ياقتۇرغانلار: 24
توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى