كىشى ئىسىملىرى
-
مۇھەممەد
(مۇھەممەت، مەھەممەت، مەخەممەت، مەمەت، مەممەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 787
، ياقتۇرغانلار: 99
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: دائىم مەدھىيەلەنگۈچى، مەدھىيە ئوقۇلغۇچى، ماختالغۇچى. ئىزاھات: «مۇھەممەد» نىڭ يەنە «مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەخەم، مەختەم، مەت، مەتەك، مەھەم، مەتاق، مەقاش» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. خوتەن شىۋىسىدە بۇ ئىسىم قىسقارتىلىپ كۆپىنچە «
-
رۇزى
(رۇزەم، رۇزىخان، رۇزەك، رۇزىجان، روزى، روزا) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 733
، ياقتۇرغانلار: 89
كۈن، كۈندۈز (بۇ يەردە «رامىزان ئىچىدە تۇغۇلدى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
-
ئابدۇرەھمان
(ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 693
، ياقتۇرغانلار: 47
مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.
-
ئاماننىسا
(ئاماننا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 612
، ياقتۇرغانلار: 27
ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئايال
-
تۇغلۇق
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 607
، ياقتۇرغانلار: 24
بايراقدار، بايراق تۇتقۇچى، بايرىقى بار، بايراقلىق
-
ئابدۇرەشىد
(ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 645
، ياقتۇرغانلار: 24
توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى
-
ئەلقۇت
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 2002
، ياقتۇرغانلار: 23
ئەلنىڭ بەختى
-
بەختىيار
(بەختىيارخان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 677
، ياقتۇرغانلار: 22
بەختى بىللە، بەخت يار بولغۇچى. ئىزاھات: «بەختىيارخان» مۇ ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.
-
ئالتاي
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 654
، ياقتۇرغانلار: 21
پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.
-
ئەھمەد
(ئەخمەت، ئەمەت، ئەمەق، ئەمەك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 466
، ياقتۇرغانلار: 20
ئەڭ مەدھىيەلىگۈچى، بەك ماختىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
تاھىر
(تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 537
، ياقتۇرغانلار: 20
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.
-
توختى
(توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 529
، ياقتۇرغانلار: 20
بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.
-
تۇردى
(تۇردەش، تۇردەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 507
، ياقتۇرغانلار: 20
پەرزەنتنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى، ئۇزاق ياشىشىنى تىلەپ قويۇلغان ئىسىم.
-
ئەركىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 807
، ياقتۇرغانلار: 19
ئەركە، ھۆر
-
تۆمۈر
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 506
، ياقتۇرغانلار: 18
مېتال ئىسمى (بۇ يەردە تۆمۈردەك مەھكەم، چىداملىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ).
-
تۇرغۇن
(تۇرغۇنجان، تۇغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 583
، ياقتۇرغانلار: 17
تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.
-
تۇرۇپ
(تۇرۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 491
، ياقتۇرغانلار: 17
(1) كۆكتات ئىسمى، (2) تۇرۇپ قالسۇن.
-
تۇر
(تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 589
، ياقتۇرغانلار: 16
بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.
-
تۇرسۇن
(تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 541
، ياقتۇرغانلار: 16
تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.
-
تۇرغان
(تۇرغانجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 505
، ياقتۇرغانلار: 16
تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.
-
تۇيغۇن
(تايغۇن، تۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 976
، ياقتۇرغانلار: 16
ھوشيار، زېرەك
-
جامال
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 519
، ياقتۇرغانلار: 16
چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».
-
غەيرەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 1112
، ياقتۇرغانلار: 16
قىزغىنلىق، ئىپتىخار، غۇرۇر
-
نۇر
(نۇرجان، نۇرەك، نۇراق، نۇرەش، نۇرەشخان، نۇرۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 853
، ياقتۇرغانلار: 16
نۇردەك گۈزەل ئوغۇل، كۆزۈمنىڭ نۇرى (بۇ يەردە پەرزەنت نۇرغا ئوخشىتىلغان بولۇپ كۆپىنچە «نۇر» نى «ئوغۇل» ياكى مۇنسىپ جايدا «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ). ئىزاھات: ئۇيغۇرلار «نۇر» نى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، ياكى پەرزەنتلىرىنى نۇرغا ئوخشىتىپ، «كۆزۈمنىڭ نۇر، نۇردەك گۈزەل
-
ئېيسا
(ئەيسا، ئەيساجان، ئەيساق، ئېيساق، ئىساق، ئىسەك) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 851
، ياقتۇرغانلار: 15
ئېيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) كۆكۈل مەيدان؛ (2) ئاللانىڭ بايلىقى. باشقا ئاتىلىشى «ئىسا» (ئىئوس).
-
ئىلدار
(ئەلدەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 870
، ياقتۇرغانلار: 15
ئەل سۆيەر؛ ئەل تۇتقۇچى، دۆلەتمەن. ئىزاھات: «ئىلدار» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ ھەم «ئەلدار» بىلەن ئوخشاش مەنىگە ۋە ئۆزگىرىشكە ئىگە.
-
باھادىر
(باتۇر، باتۇ، باتۇش) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 689
، ياقتۇرغانلار: 15
قورقماس، يۈرەكلىك. ئەسلىيسى «بەھادىر، بەھادىرخان، بەھائىددىن».
-
جۇرئەت
(جۈرەت، جۈرئەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 602
، ياقتۇرغانلار: 15
دادىل بولماق، جەسۇرلۇق قىلماق
-
خالىق
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 803
، ياقتۇرغانلار: 15
ياراتقۇچى
-
سۇبات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 621
، ياقتۇرغانلار: 15
(1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق