نۇر


مەنىسى: نۇردەك گۈزەل ئوغۇل، كۆزۈمنىڭ نۇرى (بۇ يەردە پەرزەنت نۇرغا ئوخشىتىلغان بولۇپ كۆپىنچە «نۇر» نى «ئوغۇل» ياكى مۇنسىپ جايدا «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ). ئىزاھات: ئۇيغۇرلار «نۇر» نى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، ياكى پەرزەنتلىرىنى نۇرغا ئوخشىتىپ، «كۆزۈمنىڭ نۇر، نۇردەك گۈزەل، چىرايلىق» دېگەن مەنىلەردە ئوغۇل-قىزلارغا ئورتاق قوللىنىدۇ. قىزلارغا ئىشلەتكەندىلا «خان، گۈل، قىز، بىبى (بۈۋى)، نىسا» قاتارلىق تەركىبلەرنى سۈپەت تەرىقىسىدە قوشىدۇ. «نۇر» قىزلارغا قوللىنىلغاندا «نۇرۇق» تىن باشقا ئومۇمەن سەتلىمە ئىسىملارغا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. «نۇر» نىڭ ئەرلەرگە قوللىنىلىشى ئۇنىڭ ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىر بولغانلىقىدا، ئاياللارغا ئىشلىتىلىشى ئۇنىڭ گۈزەللىك ۋە يورۇقلۇقنىڭ مەنبەسى ۋە سىمۋولى بولغانلىقىدا؛ چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى كۆپىنچە ئاياللار ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياشنى ئۇلۇغلاش، يورۇقلۇققا تەلپۈنۈش ئېتىقادىنىڭ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بەزى ئەرلەر ئىسىملىرىدا «نۇر» نى ئىسىم قىلىپ قويۇپ بولغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن كەمسىتىپ ئاتاش نەتىجىسىدە «نۇرەك، نۇرەم، نۇراق، نۆرەش» دېگەندەك سەتلىمە ئىسىملار پەيدا بولىدۇ. ئومۇمەن، «نۇر» مەيلى يالغۇز ياكى باشقا ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ، ئىلگىرى-كېيىن كەلسۇن، ئۇ «پەرزەنت» نىڭ سىمۋولىدۇر. مەسىلەن «نۇر» ئۆزى ئوغۇل پەرزەنتنى كۆرسەتسە، «نۇرگۈل» قىز پەرزەنتنى كۆرسىتىدۇ. «نۇرتاي» مۇ «تايچاقتەك ئوغۇل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، «نۇرجەمىلە» بولسا «گۈزەل قىز» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك «نۇر» ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىپ ئىسىملىرىنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، خۇددى «خوجا، شاھ، مۇھەممەد، مىر، مىرزا» قاتارلىق ئەرلەرگە خاس، شۇنىڭدەك «ئاي، گۈل، قىز، نىسا» قاتارلىق ئاياللارغا خاس ئىسىم ياسىغۇچىلار ياكى ئۆزگەرتكۈچىلەرگە ئوخشاش يېڭى ئىسىم ياساشتا ۋە ئىسىملارنى ئوخشىمايدىغان شەكىلگە ئىگە قىلىپ ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق، «نۇر» نىڭ «پەرزەنت» مەنىسىنى بېرىشى ۋە ئەر-ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىنى پەرقلەندۈرۈشى مۇتلەق ئەمەس. مەسىلەن، «نۇرۇللا» بولسا «ئاللانىڭ نۇرى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ؛ ئۇنى «ئاللانىڭ ئوغلى» دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. «نۇرزاد» (نۇرزات) نى ئەرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ ئورتاق قوللىنىش مۇمكىن.

جىنسى: ئوغۇل، قىز

ئۆزگىرىشلىرى: نۇرجان، نۇرەك، نۇراق، نۇرەش، نۇرەشخان، نۇرۇم

تىل تەۋەلىكى: ئەرەبچە

لاتىنچە: Nur
تۈركچە: Nur

كۆرۈلۈشى: (360) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (5) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)