خان


مەنىسى: (1) ھۆكۈمدار، خان، (2) بەزىدە ھەممىنىڭ خانى بولغان ئاللانى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «خان» ئاللانىڭ ئىسىملىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى، «ئابدۇ، ئەبۇ (ئاتا)، خوجا، شاھ، بەگ، دىن، ئاللا» قاتارلىق ئىسىملار، باشقا پەيغەمبەر ئىسىملىرى ۋە تارىختا مۇتلەق ئەرلەر ئىسىملىرى بولۇپ كەلگەن «خان» قوشۇلغان ئىسىملاردىن باشقا ئادەتتىكى ئەرلەر ئىسىملىرىنى ئاياللار ئىسىملىرىغا ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، «تۇرسۇن» غان «خان» قوشۇلسا «تۇرسۇنخان» بولغاندەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ئاياللار ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا يەنە قوشۇلۇپ، ياش قىزلار ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىنى ياشقا چوڭراق ئاياللارغا ماس ئىسىملارغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. مەىسلەن، «مەدىنە» ياش قىزنىڭ ئىسمى بولغان بولسا، «مەدىنەم» ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئايالنى، «مەدىنىخان» شۇ ئايالنىڭ ياشقا چوڭراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە مەسىلەن، «جەمىلە»، «جەمىلەم»، «جەمىلىخان»، «گۆھەر»، «گۆھەرنىسا»، «گۆھەرنىساخان» دېگەن ئىسىملار «م»، «نىسا» ۋە «خان» نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شۇ ئاياللارنى ياش جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ھەممە جايلارغا باب كېلىۋەرمەيدۇ. بەزى جايلاردا قىزلار ئىسىملىرىغا «خان» قوشۇلسىمۇ، يەنىلا ئۇ ياش جەھەتتىن چوڭراق ئايالنى كۆرسەتمەيدۇ. مەسىلەن، «ھاۋاخان خوجا» قۇمۇلدا يەنىلا قىزلارنىڭ ئىسمىدۇر.

جىنسى: ئوغۇل

ئۆزگىرىشلىرى:

تىل تەۋەلىكى: ئۇيغۇرچە

تۈركچە: Han

كۆرۈلۈشى: (169) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (0) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)