كىشى ئىسىملىرى

  • ھاكى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 381 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىپادىلىگۈچى، ھېكايىچى، رىۋايەتچى، (2) چەۋگان توپى

  • ھالاۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 455 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».

  • ھالالىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».

  • ھامى
    (ھامىجان، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 464 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاسرىغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلىگۈچى، يۆلەنچۈك، ھىمايىچى، ھىمايە قىلغۇچى. ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھايات
    (ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 463 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».

  • ھاياتۇللا
    (ئاياتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 344 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەرگەن ھايات، ئاللا بەرگەن ھاياتلىق، ئاللا بەرگەن پەرزەنت

  • ھەبىب
    (ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 376 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەپىزۇللا
    (ھەپىزۇل، ھەۋىزۇللا، ھەزىللا، ھېۋىزۇللا، ھېۋىزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 354 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ساقلىغان كىشى

  • ھەدەس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 352 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياشلار

  • ھەدىد
    (ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 357 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)

  • ھەدىس
    (خەدىس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 439 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يېڭى، زامانىۋى، يېڭى تىپتىكى؛ خەۋەر، سۆز، ھېكايە، گەپ-سۆز، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر، رىۋايەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى (بۇ يەردە ھەدىس ئۇلۇغلانغان)

  • ھەرىس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 359 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا ھېرىسمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەرىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 424 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يىپەك، يىپەك مال، تاۋار

  • ھەربىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 354 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئەسكىرى

  • ھەزرەت
    (ھەزىرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 409 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناب، ئەزىز، ئۇلۇغ، جانابىي، ئەپەندى

  • ھەزرىتىپىر
    (ھەزىرتىپىر، ھەزتىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 316 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك ئۇستاز

  • ھەزرىتۇللا
    (ھەزىرتۇللا، ھەزىتىللا، ھەزىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 303 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئاللانىڭ ھۆرمەتلىك كىشىسى، ئاللا ھۆرمەت ئاتا قىلغان كىشى؛ (2) «ھەزرىتى ئاللا» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگەرتىپ ئېيتىلىشى ياكى كىشى ئىسمى قىلىپ باشقىچە ئېيتىلىشى

  • ھەزرىتىم
    (ھەزىرتىم، ھەزتۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 325 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزىز ئوغلۇم؛ مېنىڭ ھۆرمەتلىكىم (بۇ يەردە يەنە «بىزنىڭ ئۇلۇغ پېشۋايىمىز» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • ئەزىم
    (ئازىم، ھازىم، ئايزىم، ھەزىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 339 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش

  • ھەسرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 505 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەسرەت، قايغۇ

  • ھەق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 397 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».

  • ھەللاجى
    (ھىلاجى) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 325 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) چىغرىقچى، پاختا چىقارغۇچى، (2) پاختا ئاتماق، (3) ئىنچىكە تەھلىل قىلماق. ئىزاھات: «ئەلىھاجى» مۇ «ھىلاجى» غا ئۆزگىرىدۇ. «ھەللاجى» نىڭ ئەسلىيسى «ھەللاج»

  • ھەلىل
    (ھېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 323 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەر ھەمراھ

  • ئەلىيار
    (ئەليار، ئىليار) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 362 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەلىنىڭ دوستى

  • ئەليار
    (ئېليار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەلنىڭ دوستى، ئەلنى دوست تۇتقۇچى

  • ھەمەل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1216 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قوزا، قوزىچاق

  • ھەمدەم
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 405 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەمنەپەس، سىرداش دوست

  • ھەمزە
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 344 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) كەسكىن، ئۆتكۈر؛ (2) ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرپ (ئەلىپنىڭ «ٴ» بەلگىسى قويۇلغاندىن كېيىنكى ئاتىلىشى)

  • ھەمزۇللا
    (ھەمزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 362 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئۆتكۈرلۈكنى بەرگەن كىشى

  • ھەمكار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىللە ئىشلىگۈچى، ئىشداش