كىشى ئىسىملىرى

  • سابىر

    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»

  • سادىر

    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • سالام

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 492كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سەپەر

    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەمەد

    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سەييىد

    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 434كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سۇلتان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سېتىۋالدى

    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • شەرىپ

    (شېرىپ، شىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    شەرەپلىك، قىممەتلىك، ئۇلۇغ، مۇنەۋۋەر، يۈكسەك، ئالىي

  • شىرئەلى

    (شىرەلى، شىرلى) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئەلىدەك باتۇر، ئەلىدەك شىر سۈپەت؛ شىردەك ئەلى؛ ئەلىنىڭ شىردەك باتۇرى (ئەلى - چاھاريارلاردىن بىرى)

  • غازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاللا يولىدا جەڭ قىلغۇچى

  • غەنى

    (غېنى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 472كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    باي (بۇ ئىسىم «ئابدۇ» قوشۇلۇپ كەلگەندە ئاللانىڭ سۈپىتىنى، يالغۇز كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • قابىل

    (قاۋۇل، قاۋىل، قاۋۇش، قاۋۇلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: قوبۇل قىلغۇچى؛ ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك؛ مۇۋاپىق، لايىق

  • قادىر

    (قادى، قادىجان، قادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • قاسىم

    (قاسىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    تەقسىم قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى)

  • كامال

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 468كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    تولۇق يېتىلگۈچى؛ پۈتۈن، تولۇق كامالەتكە يەتكەن ئەر. ئەسلىيسى «كەمال»

  • كەرىم

    (كېرىم، كېرىمجان، كېرەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سېخىي، ئالىيجاناب، ئېسىل، قەدىرلىك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، ئەگەر «الـ» ئۇلانسا، يەنى بېشىغا «ئابدۇ» كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ)

  • لاچىن

    (لىچىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 572كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    بىر خىل قۇش نامى بولۇپ، بۇ يەردە «لاچىندەك بىر ئوغۇل تۇغۇلدى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • لۇقمان

    (لوقمان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 479كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    لۇقمان ھەكىمنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) يورۇتماق، (2) ھەممىنى بىلگۈچى

  • ماھىر

    (ماھىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 2206كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئۇستا، ئەپچىل

  • مەجنۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 397كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئەقلىدىن كەتكەن، نېرۋىسىدىن ئاداشقان؛ ئاشىق

  • مەئسۇم

    (مەسۇم، مەسىم، مەسۇمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 396كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاسرالغان، ساقلانغان، گۇناھسىز، قوغدالغان، پاك

  • مۇختار

    (مۇختەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 370كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىبولۇپ، مەنىسى: تاللانغان، خىللانغان؛ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان دېگەنلەردىن ئىبارەت («مۇجتەبا» غا ئوخشاش).

  • مۇزەپپەر

    (مۇزەكپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    غەلىبە قىلغۇچى، غالىب («زاپىر، زەپىر» لەر بىلەن ئوخشاش)

  • مۇتتەلىب

    (مۇتەللىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى

  • نازىر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 566كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) يېڭى، گۈزەل، (2) قارىغۇچى، كۆزەتكۈچى، نەزەر سالغۇچى، (3) كۆز، (4) مۇدىر

  • نۇرئەھمەد

    (نۇرەخمەت، نۇرەمەت، نۇرەھمەت، نۇرامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 420كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئەھمەدنىڭ نۇرى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدن بىرى)

  • نۇرزاد

    (نۇرزات) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 455كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    نۇر ئوغلى، نۇردىن تۆرەلگەن. ئىزاھات: «نۇرزاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • نۇرمۇھەممەد

    (نۇرمەت، نۇرمەمەت، نۇرمەممەت، نۇرمەھەممەت، نۇرىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 387كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەدنىڭ نۇرى

  • نىزام

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 447كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    تەرتىپ، تۈزۈم، سىستېما، ئۇسۇل، پىرىنسىپ