كىشى ئىسىملىرى
-
قاراتاي
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
قارا رەڭلىك تاي؛ كۈچلۈك تاي؛ كۈچلۈك ئوغۇل
-
پەرھان
(پەرخان، فەرھان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
خۇشال، خۇش، شاد
-
پەتھۇللا
(پەتتۇللا، پەتۇللا، پەتۇل، پەتخۇللا، پەتيۇللا، پەتقۇللا، پەتقۇللام، فەتھۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللانىڭ ياردىمى، ئاللانىڭ نۇسرىتى
-
مۇھتەرەم
(مۇختىرەم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
ھۆرمەتلىك، ئەزىز. ئىزاھات: «مۇھتەرەم» يالغۇز تۇرغاندا ئاساسەن ئاياللارغا قويۇلىدۇ. ئايرىم ئەھۋاللاردا ئەرلەرگىمۇ قويۇلىدۇ. «ھاجى، جان، بەگ، باي» قاتارلىق ئەرلەرگە خاس قوشۇمچە ئىسىملار ياكى سۈپەتلەر ئۇلانغاندا ئومۇمەن ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.
-
ياشنات
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
گۈللەندۈرگىن؛ بەختلىك قىلغىن
-
ئاقبېلىق
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 0
بېلىق: ئىسمى، ئاق سۈپىتى
-
ئالىپ
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
قەھرىمان، باتۇر
-
سەدىرىدىن
(سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 1
دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».
-
شادىمان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
خۇشال، خۇشاللىق، شاد-خۇراملىق. «شادىمان» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.
-
ئابدۇتالىب
(ئابدىتالىپ، تالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
ئوقۇغۇچى؛ تالىبنىڭ قۇلى. ئىزاھات: ئىككىنچى تەركىبى قۇياش ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدىغان «ئابدۇتالىب، ئابدۇتاھا، ئابدۇتاھىر» دېگەندەك ئىسىملاردا، قۇياش ھەرپى (ت ث د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ل ن) تەشدىدلىك (قوش ياكى تەكرار) ئوقۇلۇپ، «ئابدۇتتالىب، ئابدۇتتاھا، ئابدۇتتاھىر، ئابدۇززاھىر،
-
كۆلتېكىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەقلى كۆلدەك شاھزادە
-
ئۆزباش
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۆز-ئۆزىگە باش بولغۇچى
-
ئىسمائىل
(ئىسمايىل، ئىسماق) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى، (2) ئاللا ئاڭلىدى
-
سەئىدىن
(سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 432
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
-
ئىسلامنىياز
تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 432
، ياقتۇرغانلار: 10
ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغۇچى، ئىسلامغا بەخشەندە قىلىنغان (كىشى)
-
ئىلزات
(ئىلزات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 432
، ياقتۇرغانلار: 9
ئەل ئوغلى («ئەلزاد» قا ئوخشاش)
-
ئاقبىبى
(ئاقبۈۋى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 432
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاق خېنىم
-
ئابامئۇلۇغ
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى
-
تاشمۇھەممەد
(تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 10
تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى
-
كەلكۈن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلىنىپ، كەلكۈن كەلگەنلىكىگە بولغان خۇشاللىق ئەكس ئەتكەن. چۈنكى، سۇ مول بولسا، بارلىق قۇرغاق جايلار سۇغا قانىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتىزارلىقتىن كېيىن بىر ئوغۇل پەرزەنت دۇنياغا كەلسىمۇ قۇرغاق جايلار سۇغا قانغاندەك، شۇ ئائىلە بەختكە چۆمىدۇ.
-
مەسئۇد
(مەسخۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 9
بەختلىك، تەلەيلىك
-
نەبرە
(نەۋرە) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ كىشىلەر نەۋرە كۆرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاپقويغان ئىسىم بولۇپ، «نەۋرە» ئەرەبچىدە «گۈل» مەنىسىنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ. ئىزاھات: «نەبرە» نىڭ تىل تەۋەلىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بەزىلەر ئۇنى پارسچە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
-
ھەكىم
(ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 12
ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)
-
ئىسيان
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 433
، ياقتۇرغانلار: 0
قارشى تۇرماق، بويسۇنماسلىق، ئىتائەت قىلماسلىق؛ قوزغالماق، قوزغىلاڭ، قارشى كۆتۈرۈلۈش (بۇ ئىسىم مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەر بولغان مەزگىلدە، شۇ ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇلغان. مەسىلەن، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا جۇڭگودا قوزغالغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غا ئوخشاش. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم ئ
-
كۈندەم
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 434
، ياقتۇرغانلار: 0
پارلاق؛ قۇياشلىق؛ قۇياش
-
مەخدۇم
(مەخسۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 434
، ياقتۇرغانلار: 0
خوجايىن، خوجا، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغۇچى؛ ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرى، خوجام
-
نەسرۇللا
(نەسرۇل، نەسرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 434
، ياقتۇرغانلار: 7
ئاللانىڭ نۇسرىتى، ئاللانىڭ ياردىمى
-
نەشپۈت
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 434
، ياقتۇرغانلار: 0
مېۋە نامى. ئىزاھات: «نەشپۈت» بىلەن «نەشۋەت» ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
-
يەكدىل
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 434
، ياقتۇرغانلار: 0
بىر نىيەت
-
پازىل
(فازىل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 435
، ياقتۇرغانلار: 10
(1) پەزىلەتلىك، تالانتلىق، بىلىملىك؛ (2) مەڭگۈلۈك؛ (3) تۆھپىسى بار، ئەجرى بار؛ (4) ئالاھىدىلىكى بار، مەشھۇر، داڭلىق