مىر


مەنىسى: بەگ، ئەمىر، خوجا، ئەر، ئوغۇل. ئىزاھات: «مىر» ئەسلىدە «ئەمىر» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «مىر» بولغاندا تىلىمىزدا يۇقىرىقىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ («ئەمىر» نىڭ بىلدۈرگەن مەنىسىدىن قىسمەن ئۆزگىرىدۇ) ھەمدە ئاساسەن ئەرلەرگىلا قوللىنىلىدۇ. ناھايىتى ئاز ساندا ئاياللار ئىسىملىرىنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ، يەنىلا ئاياللار ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئەھۋالمۇ بار. ئەمما ئەرلەرگە قوللىنىلغاندا، «مىر» يالغۇز ئەمەس، بەلكى «مىرجان، مىرخان، مىرەك، مىراق، مىرئاخۇن» دېگەن شەكىللەردە باشقا تەركىبلەرنى قوشۇپ ياكى سەتلىمە شەكلىدە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ خۇددى «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم يەنە بىر ئىسىمغا سۈپەت بولۇپ كېلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئىسىملارنى قوللىنىشقا ئىمكانىيەت يارىتىلغاندەك، باشقا ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىپ، يېڭى ئىسىم ياساشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا «مىر» دىن پايدىلىنىپ ياسالغان، ئەمما مەزكۇر كىتابقا كىرمىگەن بەزى ئىسىملارنى يېڭىدىن ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇ بابتا يەنە «مىرزا» دېگەن ئىسىممۇ «مۇھەممەد، مىر» قاتارلىقلارغا ئوخشاش سۈپەت ئورنىدا كېلىپ، يېڭى ئىسىم ياسايدۇ.

جىنسى: ئوغۇل

ئۆزگىرىشلىرى: مىرجان، مىرخان، مىرەك، مىراق، مىرەم

تىل تەۋەلىكى: ئەرەبچە

كۆرۈلۈشى: (131) كۆرۈلۈشى

ياقتۇرغانلار: (0) ياقتۇرۇش (بۇ ئىسىمنى ياقتۇرسىڭىز، يۈرەك بەلگىسىگە بېسىڭ.)