
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
-
8 پلاستىنكىسى بازارغا سېلىندى
-
45 ناخشىسى ئېلان قىلىندى
-
1092 قېتىم كۆرۈلدى
-
تور بىكىتى
-
مەنبە
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلىدا ناخشا ئېيتالايدۇ. خۇشخۇي، جانلىق ۋە يېقىملىق ناخشىلار شىنجاڭلىق ياش ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابلاجاننىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى قىزغىن، ھەرىكەتچان ۋە مودا بولۇپ، ئېلېكترونلۇق مۇزىكا ئۇسلۇبى، زامانىۋى مودا مۇزىكا، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى!
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ پلاستىنكىلىرى
بارلىق پلاستىنكىلار
پلاستىنكا ئىسمى | ناخشىچى | رەسىمى | كۆرۈلۈشى |
---|---|---|---|
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
800 ![]() |
باشلامدۇق | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
260 ![]() |
شاھزادە | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
319 ![]() |
كېلىڭلار دوستلار | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
299 ![]() |
خاپا قىلمىسۇن | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
300 ![]() |
ئىشخانىدىكى ئىشلار | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
869 ![]() |
ئومىقىم | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
305 ![]() |
غەمكىن | ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ | ![]() |
326 ![]() |
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرى
بارلىق ناخشىلار
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...